مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون «26 - ئىيۇن» خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2020.06.28 17:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى «ساغلام ھايات، يېشىل - زەھەرسىز» باش تېما قىلىنغان 33 - قېتىملىق خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «26 - ئىيۇن» خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى باش تېما پائالىيىتى شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە «زەھەر چەكلەشتىكى ئون ياخشى خەلق ساقچىسى» «زەھەر چەكلەشتىكى ئون ياخشى خىزمەتچى» تەقدىرلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جۈنجېڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش سېپى باشتىن - ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، زەھەر چەكلەش ئىشلىرىدا بىر قاتار يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ بۇ يىلدىن بۇيان، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇش، بىر قولدا زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى، پائال تۆھپە قوشتى. بىزنىڭ خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى باش تېما تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىمىز، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنى داۋاملىق تۈردە زەھەر چەكلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش، زەھەر چەكلەشنى قوللاش، زەھەر چەكلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى زەھەر چەكلەش سېپىدىكى يولداشلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلاپ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىدا ئورتاق غەلىبە قىلىش ئۈچۈندۇر!

  ۋاڭ جۈنجېڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن «زەھەر چەكلەشتىكى ئون ياخشى خەلق ساقچىسى» «زەھەر چەكلەشتىكى ئون ياخشى خىزمەتچى»نى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش سېپىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋاتقان ھەر ساھە زاتلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزاق مەزگىللىك زەھەر چەكلەش خىزمىتى داۋامىدا، كەڭ زەھەر چەكلەش خىزمەتچىلىرى ۋە زەھەر چەكلەش پىدائىيلىرى ياخشى روھىي قىياپىتى ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇغان بېغىشلاش روھىنى نامايان قىلدى. زەھەر بىر كۈن تۈگىتىلمىسە، زەھەر چەكلەش بىر كۈنمۇ توختاپ قالمايدۇ. زەھەر چەكلەش بىر مەيدان جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان قاتتىق جەڭ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زەھەر چەكلەش فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قاتتىق يولغا قويۇپ، زەھەر تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇملارنى مەركەزلىك كۆيدۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تاكسىلارنىڭ ئاپتوموبىل ئۈستى چىرىغى، ئۆي سىرتى LEDلىرى، ئۈچ چوڭ ئالاقىچىلىك تىجارىتى كارخانىسى قىسقا ئۇچۇرى، ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار يېڭى تاراتقۇ سېپى زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بادەي، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ