مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇلالىق ئۈرۈمچى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى باشلاندى

2020.06.28 17:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭنى ساياھەت قىلىپ، كوئېنلۇندا ئۇچرىشىش» − تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا «زۇڭزا» مېھرى باش تېمىسىدىكى جۇلالىق ئۈرۈمچى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى باشلاندى، بۇ، بۇ يىللىق ئۈرۈمچى مەدەنىيەت - ساياھەت پەسلى پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇلالىق ئۈرۈمچى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش تېمىسىدىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك دىراما ۋە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، تىيانشان چوڭ جىلغىسى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى قار - مۇز كىچىك بازىرى قاتارلىق كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرىدىكى دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى خاس پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ساياھەت بايرىمىغا تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، ساياھەت دارېنلىرى، توردا ئالقىشلانغانلار قاتارلىقلار ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ھەم ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى خاس پائالىيەتلەرنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنىدىكەن، ھەم كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دوۋيىن، كۇەيشوۋ، مىكرو بىلوگ قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تونۇشتۇرۇپ تەشۋىق قىلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدىكەن.

  شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى(مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) يەنە ئۈرۈمچىدە دۇەنۋۇ بايرىمىدىن يازلىق تەتىل مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى 35 تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى ئېلان قىلدى.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى(مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) نەق مەيداندا ساياھەت ئىستېمال بېلىتىدىن 3000نى تارقاتتى، شۇ كۈنى توردا تارقىتىلغان ۋە نەق مەيداندا تارقىتىلغان ساياھەت ئىستېمال بېلىتى 10 مىڭغا يەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ