مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تيەنيۈ بېيدوۋنىڭ «بېيدوۋ» رىشتى

2020.06.28 17:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

  6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تور تەشكىللەش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى بېيدوۋ يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى يۇلتۇز تۈركۈمى ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بېيدوۋ تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر ئۇنى بىزدىن ناھايىتى يىراقتەك ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بېيدوۋ يېنىمىزدىلا، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ... 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭ تيەنيۈ بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شېن جيې مۇخبىرغا بۇ شىركەت تەتقىق قىلىپ ياسىغان بېيدوۋنى ئاساس قىلغان بىرنەچچە دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ تېرمىنال مەھسۇلاتىنىڭ شىنجاڭدىكى قوللىنىلىش ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەردى.

  بىپايان يايلاقتا توپ - توپ قوي - كالىلار ئوتلاۋاتقان بولسىمۇ، نەچچە كىلومېتىر دائىرىدە چارۋىچىلارنى كۆرگىلى بولمايتتى، مۇشۇ چاغدا چارۋىچىلار نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ سىز چوقۇم ئويلاپ يېتەلمەيسىز، بۇ چاغدا ئۇلار بەلكىم كۆكتاتلىقىنى ئوغۇتلاش بىلەن ئالدىراش بولۇشى ياكى ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئەتكەنچاي ئىچكەچ پاراڭ سېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن...

  يايلاقتىكى قوي - كالىلار قېچىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا چارۋىچىلار ئاتلىق ھەر ۋاقىت قوي پادىسىغا ئەگىشىپ يۈرەتتى؛ بىراق ھازىر، تيەنيۈ بېيدوۋ تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق مال بېقىش تېرمىنالىدىن پايدىلىنىپ، چارۋىچىلار قوي - كالىلارنىڭ بوينىغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق مال بېقىش سىستېمىسى بېيدوۋ مال بېقىش تېرمىنالى ئېسىپ قويۇپ، يانداش سەپلەنگەن يان تېلېفون APPسىدىن پايدىلىنىپ، قوي - كالىلىرىنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنى ئاسان بىلىپلا قالماي، يەنە ئەڭ يېقىن لىنىيە ئارقىلىق قوي - كالىلىرىنى تاپالايدۇ.

  شىنجاڭ تيەنيۈ بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2017 - يىلى قۇرۇلغان، شىركەت دىققىتىنى سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشى، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش، سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سېزىش قاتارلىق ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىنى قوللىنىش ۋە ئېچىشقا مەركەزلەشتۈرگەن. سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئورۇن مۇلازىمەت سۇپىسى ھەم يەر ئۇلىدىكى كۈچەيتىلگەن تورنى ئاساس قىلىپ، بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى ھەمدە تۇرغۇن ھالەتتىكى مىللىمېتىر دەرىجىسى، ھەرىكەت ھالىتىدىكى سانتىمېتىر دەرىجىسى، يامى دەرىجىسىدىكى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوللىنىش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئەقلىي ئىقتىدارلىق مال بېقىش تېرمىنالى بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلىشىنى ئاساس قىلىپ قوي - كالىلارنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ. شېن جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ سىستېما ئارقىلىق يەنە قوي - كالا گۆشى، سۈت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، خېرىدارلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق مال بېقىش سىستېمىسى سۇپىسى ئارقىلىق سېتىۋالغان قوي - كالا گۆشى ئۇدۇللىشىدىغان قوي - كالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ۋە بېقىلىش ئىزى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تاپالايدۇ، تېخىمۇ خاتىرجەم سېتىۋالالايدۇ.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى - ناھىيەسى، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن چارۋىچىلار كالا، قوي، تۆگە قاتارلىقلارنى يىراقتىن بېقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «شىركەت مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كەلگۈسىدە بۇ مەھسۇلاتنى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا ئىشلىتىشنى پىلانلىدى» دېدى شېن جيې.

  بۇنىڭدىن سىرت، بۇ شىركەت يەنە ئاقىل ساياھەت ئورۇن بەلگىلەش تېرمىنالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئورۇن ئۇچۇرىغا ئاساسەن چۈشەندۈرۈشنى قوزغىتىپ، ساياھەتچىلەر پەقەت بىر تىڭشىغۇچ ئارقىلىقلا بارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئارقا سۇپا ساياھەتچىلەرنىڭ ئورۇن بەلگىلەش سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى ئۇقۇپلا قالماي، يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتى، قىزىقىشى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلالايدۇ، ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا يوللاپ بېرىپلا قالماي، يەنە مەنزىرە رايونىنى پىلانلاشقىمۇ يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. نۆۋەتتە، بۇ تېرمىنال بايىنبۇلاق، جامبۇلاق قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا كېڭەيتىلىپ قوللىنىلدى.

  چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىكتىن باشقا، بۇ شىركەت تەتقىق قىلىپ ياسىغان دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەش تېرمىنالى يەنە يېزا ئىگىلىكىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۆسۈملۈك ئاسراشتا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى.

  شېن جيې مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئۆلچەمدىكى بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ پايدىسى، تېخىمۇ دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2018 - يىلى بۇ شىركەت پۈتۈن شىنجاڭدا بېيدوۋ يەر ئۇلىدىكى كۈچەيتىش سىستېمىسى ئاساسىي پونكىتىدىن 129نى قۇردى، نۆۋەتتە ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  گەرچە بۇ كوللېكتىپ 2017 - يىلى تەشكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن شېن جيېنىڭ «بېيدوۋ» بىلەن رىشتە باغلىغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: « <نەرسە تورى + 5G>نىڭ ياردىمىدە، بېيدوۋ دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى قوللىنىلىشى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ.» دەل مۇشۇنداق قەتئىي ئېتىقاد بولغاچقا، بۇ كوللېكتىپقا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن تېخنىك داكا توپلاندى. «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە شىركەت چوقۇم تېخىمۇ كۆپ يادرولۇق تېخنىكىغا ئىگە بولىدۇ، دېگەن بىر خىل ھېسسىياتتا ئىشلەيدۇ» دېدى شېن جيې.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ