مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كېچىلىك ئىقتىساد تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ يېڭى «كېچە» ھالىتىنى يورۇتتى

2020.06.28 17:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ

  جاننىڭ يىلتىزى ئاش، ئىسسىق تائاملارنىڭ ھىدى ھەربىر شەھەردىكى ئەڭ جەلپكار تۇرمۇش ئامىلى. تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېچىلىك ئىقتىسادى سىجىل جانلىنىپ، بازار كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى موتورغا ئايلاندى.

  يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش

  6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، تۈن پەردىسىنىڭ يېيىلىشىغا ئەگىشىپ، گۇچۇڭ قەدىمىي شەھەر سودا كوچىسىدا چىراغلار چاقناپ ئىلگىرىكىدەكلا ئاۋاتلاشتى. 100دىن ئارتۇق سېتىقچى بۇ يەرگە يىغىلدى، ئۇلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلىرى پۈتۈن كوچىنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى.

  «كېلىڭلار، يۇرتىمىزنىڭ دۈملىمىسىنى تېتىپ بېقىڭلار، پۈتۈن گۇچۇڭ بويىچە ئەڭ ئوخشايدۇ!» يايمىچى چېن خۇيليەننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشى بىلەن بىردەمدىلا ئۇنىڭ يايمىسى خېرىدارلار بىلەن لىق تولدى.

  چېن خۇيليەن شەرقىي شىماللىق بولۇپ، گۇچۇڭغا كېلىپ يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى. «ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت چىقىرىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، مۇشۇ سودا كوچىسىدىن يايما ئورنى ئىجارىگە ئالدىم. ھازىر كەچتە كۈندۈزدىكىدىنمۇ ئالدىراش بولىمەن، ئەلۋەتتە پۇلنىمۇ كۆپ تاپقىلى بولىدىكەن» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا «ئاپتونوم رايوننىڭ كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ تارماق بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، كېچىلىك ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇندى.

  گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، گۇچۇڭ ناھىيەسى كېچىلىك ئىقتىسادقا تايىنىپ يېڭىدىن 600دىن ئارتۇق يايما ئورنى، 2000دىن ئارتۇق ئىش ئورنىنى كۆپەيتتى، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئادەم ئېقىمى مىقدارى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم بولۇپ، تىجارەت سوممىسى 1 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  «تەشكىلىي كاپالەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېچىلىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ئەسقەر تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى ئۆزىنىڭ رايون ئورنى ھەمدە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كونكرېت تەدبىرلەر ۋە تەرەققىيات نىشانىنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، رايون ئىچىدىكى كېچىلىك ئىقتىساد كوچا رايونى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، «كېچىدە سانجىنى ساياھەت قىلىش»، «كېچىدە مەززىلىك تائاملارنى تېتىش» قاتارلىق باش تېمىلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ كېچىلىك ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى؛ قاراماي شەھىرى چوڭ تىپتىكى سودا سارىيى، تاللا بازىرى، سودا چەمبىرىكىنىڭ پۈتۈن يىللىق كېچىلىك تىجارەت ۋاقتى 200 كۈندىن كەم بولمىغان ھەمدە تىجارەت ۋاقتىنى سائەت 24تىن كېيىنگە ئۇزارتقان تىجارەتچىلەرگە بەلگىلىك ياردەم پۇل بەردى؛ قەشقەر ۋىلايىتى كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرلەشتۈردى، تۈرلۈك كېچىلىك ئىقتىساد سورۇنلىرى ھازىر نامرات ئاممىدىن 12 مىڭ 600 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىم 3000 يۈەندىن ئاشتى... «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش» ۋە كۈچلۈك سىياسەت مەدىتى ھەرقايسى جايلارنىڭ كېچىلىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

  سۈپەتلىك ماركا يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش

  ئىلگىرىكى «قارىغۇلارچە كۆپىيىش» ئەندىزىسىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭمۇ ئوخشاشلا سۈپەتلىك ماركا يارىتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جەن شۆجىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېچىلىك ئىقتىسادقا بولغان تۇنجى تەسىراتى بالىلىق چاغلىرىدىكى كېچىلىك بازاردىن كەلگەن. «ئەسلىسەم، ئۇ چاغلاردىكى كېچىلىك بازار قىزىيتتى، لېكىن قىزىش بىلەنلا چەكلىنەتتى، تازىلىق، قاتناش، يورۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھازىرقىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى.» بۈگۈنكى كۈندە، ئاللىقاچان دادا بولغان ئۇ كەچتىكى بوش ۋاقىتلىرىدا، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. «بۇ يەردە ئاپتوموبىل توختىتىش قولايلىق، كەڭ - كۇشادە ئايلانغىلى بولىدۇ، پاكىز، تازىلىقى ياخشى، خاتىرجەم يېگىلى بولىدۇ» دېدى جەن شۆجى.

  كېچىلىك ئىقتىساد شەھەرگە ھاياتىي كۈچ، سېھرىي كۈچ ۋە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، شەھەر ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. مەسىلەن، تاماشا «تىزىملىكى»نى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولامدۇ - يوق؛ ئاممىۋى قاتناش ئىستېمالچىلارغا ۋە كېچىكىپ ئىشتىن چۈشىدىغان خىزمەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرەلەمدۇ - يوق؛ قانداق قىلغاندا كېچىلىك يېمەك - ئىچمەك يايمىلىرىدىن چىققان شاۋقۇن، بۇس قاتارلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال ئارام ئېلىۋاتقان ئاھالىلەرگە دەخلى قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ...

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بۇلتۇردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كېچىلىك ئىقتىساد ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونلىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بەرپا قىلىنغان كوچا رايونىنىڭ يورۇتۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قاتنىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، يانداش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر كوچا رايونىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولۇشنى گەۋدىلەندۈردى.

  بىر يىلغا يېقىن يېتىشتۈرۈش، بەرپا قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، غۇلجا شەھىرى يېپەك يولى نۇرى ساياھەت بازىرى، قەشقەر شەھىرى قەدىمىي شەھەر جيۇلۇڭچۈەن كوچا رايونى قاتارلىق 16 كوچا رايونى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى كېچىلىك ئىقتىساد ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونى، دەپ بېكىتىلدى. ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى بىلەن، زور بىر تۈركۈم ئۆزگىچە كېچىلىك مەنزىرە رايونى، ئۆزگىچە كېچىلىك مەززىلىك تائاملار، ئۆزگىچە كېچىلىك مال سېتىۋېلىش، ئۆزگىچە كېچىلىك مەدەنىيەت پائالىيىتى قاتارلىق كېچىلىك ئىقتىساد تەرەققىيات سۇبيېكتلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارلىققا كەلدى.

  ئىلمىي پىلانلاش يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىش

  كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن شەھەرلەردە، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شەھەر چىراغ نۇرى خەرىتىسىدە ئەكس ئېتىپلا قالماي، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردىمۇ ئەكس ئەتتى.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئىستېمال بازىرى تەدرىجىي ياخشىلانغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چەكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 33 مىليارد 126 مىليون يۈەن بولغان؛ 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چەكتىن يۇقىرى يېمەك - ئىچمەك كەسپى ماس قەدەمدە ئەسلىگە كەلگەن، چەكتىن يۇقىرى يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 1 مىليارد 70 مىليون يۈەن بولغان.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە شەھەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

  «بىز ئىلمىي پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كېچىلىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنى شەھەر تەرەققىياتى، سودا تور نۇقتىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە، مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، شەھەر مەمۇرىيىتى - مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كېچىلىك ئىقتىساد توپلانغان رايونلارنى قۇرۇپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ماھارەت كۆرسىتىش، ئويۇن قويۇش، ساغلاملىق كۈتۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ توپلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى، كەسىپلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى ئېچىپ، <كېچىلىك ئىقتىساد> دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت نادىر ئەسەرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىپ، ئۇنى شەھەرنىڭ كېچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسى ۋە ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىمىز؛ كېچىلىك بازار تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، يانداش تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى خاتىرجەم قىلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش كەيپىياتىنى يارىتىمىز» دېدى ئەسقەر تۇرسۇن.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى كېچىلىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرىدىغان، ئاۋاتلاشتۇرىدىغان سىياسەت تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ كېچىلىك ئىقتىساد تەرەققىياتىغا بولغان قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن - نىزاملاردا رۇخسەت قىلىنغان دائىرە ئىچىدە كېچىلىك ئىقتىساد كوچا رايونلىرىدىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىجازەت شەرتىنى تۆۋەنلىتىپ، تەستىقلاش تەرتىپلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، كېچىلىك ئىقتىساد ئارقىلىق شەھەر كېچىسىنى يورۇتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ