سىرتقا چىققاندا ياخشى مۇداپىئەلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى(6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە)دە روشەن سوغۇق ھاۋا ئۆزگىرىشى كۆرۈلمەيدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ، پەقەت ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە تىيانشان تاغلىق رايونلىرى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي تاغ باغرىدىلا پات - پات ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، بايرامدا سەپەرگە چىقىشقا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كۈندۈزدە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن. 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كۈندۈزدە قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يەنىلا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن؛ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ كۆپ قىسمى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا سۇس ۋە ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ۋە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 29 سېلسىيە گىرادۇستىن 32 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 19 سېلسىيە گىرادۇستىن 21 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ سىرتقا چىققاندا ياخشى مۇداپىئەلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، ئىلى ئوبلاستى ۋە تىيانشان تاغلىق رايونى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە پات - پات ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئوڭايلا قىسقا ۋاقىتلىق قاتتىق ھۆل - يېغىن، چاقماق چېقىش، بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا قىسمەن جايلاردا قىيان ۋە تاغ جىسمى سىيرىلىش، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ