مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 92- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

2020.06.28 17:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش تەتقىق قىلىندى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 92 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى تەسىس قىلىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تېخىمۇ كۆپ كەسىپ ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشقا پايدىلىق. «بىر ناھىيەدە بىر لايىھە، بىر مەكتەپتە بىر خاسلىق» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيەلىك، شەھەرلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان - يۆلەيدىغان تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى بىلەن پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقۇرۇش خادىملىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دەرس قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ناھىيەلىك، شەھەرلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى قوللاپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ئوقۇتۇش سورۇنى ۋە ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلار سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈش، تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قاتلام مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولۇش نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر نىزام چىقىرىشقا قاتنىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش مەمۇرىي تارماقلىرى ئاساسىي قاتلام مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىپ يېتەكلەش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ نىزام چىقىرىش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، مەمۇرىي نىزام چىقىرىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نىزام چىقىرىشتىن كېيىنكى باھالاش ۋە تېما تەتقىقاتى قاتارلىقلارغا پائال قاتنىشىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىق، دەل ۋاقتىدا، سىستېمىلىق، كەڭ دائىرىلىك بولۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە چېتىلىدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتى، مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەۋپنى ئازايتىش، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش، بۆلەكلەرنى بىرلەشتۈرۈش، تەۋەلىك رايونى بويىچە باشقۇرۇش، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، ماسلىشىپ تاقابىل تۇرۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىش ۋە خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى ھەقىقىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، تېخنىكا، ماددىي ئەشيا ۋە مەبلەغ كاپالىتى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ