مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى

2020.06.28 17:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1000 مولۇق باغدا دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان بولۇپ، تۇتاش كەتكەن پارنىكلاردىن مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ خۇش ھىدى كېلىپ تۇراتتى، كەڭ كەتكەن ئېتىزلاردا بۇغدايلار دولقۇنلايتتى، بۇ ياز پەسلىدە يېڭىسار ناھىيەسى ئوچار بازىرى تۆۋەن يارباغ كەنتى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

  «ئىلگىرى كەنتتىكى يەرلەر تارقاق، پارچە - پۇرات بولۇپ، يەنە نۇرغۇن يەر بىكار تۇراتتى. يەرنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا يەر بايلىقىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇر بىز يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى تاماملىدۇق، پارچە - پۇرات يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ چوڭايتىپ، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈردۇق، بۇ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق ۋە ئېتىزلارنى سۇغىرىشقىمۇ قولايلىق بولدى.» تۆۋەن يارباغ كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ياڭ مىڭ مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ قىممىتى بار يەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇشنى ۋاسىتە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەردىن پايدىلىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتتى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە يەر ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئەڭ قاتتىق بولغان يەرنى تېجەشلىك ئىشلىتىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش بوشلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىپ، يەرنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمى، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى.

  «ئاپتونوم رايون زور كۈچ بىلەن يەر بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىش شەكلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر بايلىقىنى تېجەشنىڭ بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى تېز شەكىللەندۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ كەسىپلەرگە يەر ئىشلىتىشنى يۆلەش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى ھەمدە كەسىپ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، بىز يەر بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك تەڭشەش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى چىقىرىپ، يەر بايلىقىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يەردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق، ھەم تەستىقلانغان بولسىمۇ تەمىنلىمىگەن ۋە يەرنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدۇق».

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز «كۆپ خىل بەلگىلىمە بىرلەشتۈرۈلگەن» دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلان سىستېمىسى يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىۋاتىدۇ. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلان سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، رايونلار ماس تەرەققىي قىلغان، كەسىپلەر مۇۋاپىق توپلانغان يەردىن پايدىلىنىش ئەندىزىسىنىڭ تېز شەكىللىنىشى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يەرنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىش سەۋىيەسى ھەم بىرلىك كۆلەمدىكى يەرنىڭ ھاسىلات ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ