مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

2020.06.28 17:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

  ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى. يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆمۈريول بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى، تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە مەركەزلىك نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى چوڭقۇر، ئەستايىدىل ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، بىخەتەرلىك ھالقىسى ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ تەھلىل قىلىپ، مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپى تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈزەش تەدبىرى، مەسئۇل ئورۇن ۋە تاماملاش مۇددىتىنى تۈرمۇتۈر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش كېرەك. قاراتمىلىقى بولغان بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەنبەدىن تۈزەش، ئالدىن ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆمۈريول بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان بىر تۈركۈم «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى تۈپتىن تۈزەپ، مەخسۇس تۈزەشتە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ھەم تۆمۈريول نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى، تۆمۈريول تىرانسپورتى كارخانىلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكىنى جەمئىيەت ئورتاق تۈزەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۆمۈريول سىستېمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تارماق، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئايرىۋېتىش، پويىزنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پورت، ۋوگزاللاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، تۆمۈريول يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ساقلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ