مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىشلىق ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

2020.06.28 17:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىشلىق ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە يېيىش ناچار ئادىتىنى تۈگىتىش، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قوزغاتتى. 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش بويىچە دوكلات يىغىنى ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورۇنداش كېرەك. ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشتا، جەزمەن قانۇنچىللىققا تايىنىش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرە بىلەن چەكلىنىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە رىئايە قىلىپ، «قارار» ۋە قانۇن ماددىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ماددىمۇماددا سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىنىڭ نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە قارىتا چوڭقۇر تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، تەكلىپلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى تاپشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، سىجىل نازارەت قىلىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ياخشىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە دائىمىي كومىتېتقا تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار يۈكلىگەن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى، ساداسى ۋە پىكىر - تەكلىپلىرىنى پائال ئىنكاس قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق، قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالىنى ئايرىم - ئايرىم دوكلات قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن گۈلشات ئابدۇقادىر، جەرۇللا ھېسامىدىن، جاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ