مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020.06.28 17:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

  سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى 2020 - يىللىق 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا 2020 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتى ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام ئىستىلىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش - چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق بەش تۈرلۈك تۈزۈم تەتقىق قىلىپ قاراپ چىقىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي قانۇن سىستېمىسىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن سېپى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساس سېلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا سىياسىي قانۇن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئىلمىي باھالاپ، سىياسىي قانۇن، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىش؛ ھازىر دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، سىياسىي قانۇن، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي قانۇن، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈم ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتى نىزامى» سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتىكى باش مىزان ۋە باش ئاساس، ئۇنى جەزمەن كەم - كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىن تەتقىق قىلىپ قاراپ چىققان «بەش تۈرلۈك تۈزۈم» «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، تۈزۈمنى چىڭىتىش ئارقىلىق، ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، تايىنىدىغان ئاساس، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، شەھەر رايونىنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تورنى ئىدارە قىلىش، ئامما خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، قانۇن بويىچە دەل جايىدا زەربە بېرىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئىنتىزام، تۈزۈمگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىش بېجىرىپ، بىر يېڭى دەۋردىكى ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق سىياسىي قانۇن كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ