مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

5G ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇردى

2020.06.28 17:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

  6 - ئايدا، چۆللۈككە جايلاشقان 1100± كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا بىرنەچچە ماشىنا ئادەم توكلىغۇچ ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. كۆزىتىش، ئۈسكۈنىگە قارىتا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، ئۆلچەش - ئوقۇش... ماشىنا ئادەم قىلچە بىخەستەلىك قىلماي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى، يىغىلغان سانلىق مەلۇماتلار تور ئارقىلىق كونترول قىلىش ئۆيىگە يەتكۈزۈلدى.

  كونترول قىلىش ئۆيىدە، بىرنەچچە نۆۋەتچى خادىم كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىش ۋە يوللاش جەريانىنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىۋاتاتتى. «ماشىنا ئادەمنىڭ ئىشلىتىلىشى بىزنىڭ دالىدا چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىمىزنىڭ سىجىللىقىنى يېنىكلىتىپ، يىغىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. 5G تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى سانلىق مەلۇماتنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ تېز، مۇقىم قىلدى» دېدى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن نۆۋەتچىلەر باشلىقى لى شۇەي.

  سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يىغىپ، تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇپ ھەم توك بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈەنچېڭ شەھىرى گۇچۈەن توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا يەتكۈزۈپ، ئاندىن ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يەنە شەرقىي جۇڭگو ئېلېكتىر تورىغا يەتكۈزۈپ، شەرقىي جۇڭگو رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلەر ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلىتىشىنى تەمىنلەيدۇ. سانجى - گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى ئىككىنچى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش.

  سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ بۇ خىل خىزمەت ئەندىزىسى ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «5G + سانائەت ئالاقە تورى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشتىن كەلگەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى «بىر خەۋەرلىشىش تىجارىتى سودىگىرى + بىر سانائەت كارخانىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق «5G + سانائەت ئالاقە تورى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېھتىياج تېرمىنالى، تەمىنلەش تېرمىنالى، كەسىپ ساھەسىدە ماس قەدەمدە كۈچەپ، «5G + سانائەت ئالاقە تورى»نىڭ ئىچكى يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇۋاتىدۇ.

  نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇلتۇر 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنيا بويىچە توك بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۆمۈر مۇنارىغا 5G ئاساسىي پونكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇردى. بۇ 5G تېخنىكىسىنىڭ دۇنيادىكى توك بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار بولغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇلۇشتا قوللىنىلىشى ھېسابلىنىدۇ. 5G تېخنىكىسى ئاساسىدا، شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنى كۈچلۈك ئۇچۇر - ئالاقە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  لى شۇەي مۇنداق تونۇشتۇردى: 5G تېخنىكىسى ئاساسىدا، توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى ھەرقايسى بۇلۇڭلارنى قاپلىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېكامېرانى كونترول قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى، نەق مەيداندىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرەلەيدۇ؛ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسى ئورناتتى، توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى ھادىسىنى يىراقتىن قوماندانلىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلالايدۇ؛ يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش سۇپىسى قۇردى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سىن ئارقىلىق توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى ئۈسكۈنىلىرىدىكى كاشىلىلارغا يىراقتىن دىياگنوز قويالايدۇ ياكى بىرلىشىپ دىياگنوز قويالايدۇ؛ كونترول قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماشىنا ئادەم نەق مەيداندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر ۋاقىت يىغالايدۇ.

  «5G تېخنىكىسى خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى» دېدى لى شۇەي.

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو يۈفېڭ مۇنداق دېدى: سانائەت ساھەسىدە «5G + سانائەت ئالاقە تورى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، 5G تورى ئاساس قىلىنغان سانائەت ئالاقە تورى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، ماشىنا كۆرۈش سېزىمى، سانائەت بەلگىسى، ئۆي ئىچىدە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئورۇن بەلگىلەش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى، ئۈسكۈنىلەرنى يىراقتىن مەشغۇلات قىلدۇرۇش، ئاسراش، ماشىنا كۆرۈش سېزىمىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، كۆچمە ماشىنا ئادەم يول باشلاش قاتارلىق سانائەت ئالاقە تورىنى ئەمەلىي قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرى ئارىسىدا يۇقىرى چاستوتىلىق يىغىش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالاقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەردىكى كاشىلا قېتىم سانىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى، ئۈسكۈنىلەرنى مەشغۇلات قىلدۇرۇش، ئاسراش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ