مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىدە بېيدوۋ يول باشلاش مۇلازىمىتى ئىشلىتىلدى

2020.06.28 17:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا، ھازىر 10 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىدە بېيدوۋ يول باشلاش مۇلازىمىتى ئىشلىتىلگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ھەيدەشكە ياردەملىشىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان تىراكتور، كومبايىن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى پائال ئۈلگە كۆرسىتىپ، كېڭەيتىپ، ماشىنىلاشقان ئۈلگە كۆرسىتىش، ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى قانات يايدۇردى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ھەيدەشكە ياردەملىشىش سىستېمىسى ئاساس قىلىنغان تۈجۈپىلەپ تېرىش، قۇر بويىچە ئوغۇتلاش ۋە دەل جايىدا دورا چېچىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ماس قەدەمدە كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىز بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق زىرائەت پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى بىلەن يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلاش، دورا چېچىش مەشغۇلاتى قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىر كۈندە 300 مودىن 700 موغىچە كۆلەمدە مەشغۇلات قىلالايدىكەن، ئۈنۈمى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز، بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش - بىرتۇتاش تىزگىنلەشكە قولاي بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىزلارغا ئەنئەنىۋى دورا چېچىشقا سېلىشتۇرغاندا، دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئاپتونوم رايون بويىچە بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئاساس قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئايروپىلانىنىڭ ئومۇمىي سانى 5000دىن ئاشقان، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا زىرائەت پەرۋىش قىلىش مەشغۇلات كۆلىمى 20 مىليون مودىن ئاشقان.

  بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى يەنە شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش مەشغۇلاتىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلدى، مەشغۇلات ماشىنىلىرى گۇرۇپپىسىغا بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش، سېزىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆزىتىش - ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، يەر رەتلەش مەشغۇلاتىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش يولغا قويۇلۇپ، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات ھالىتى ۋە مەشغۇلات كۆلىمىنى توغرا كۆزىتىش - ئۆلچەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز ئورناتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش مەشغۇلاتىنى يىراقتىن ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىش - ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى 2000 يۈرۈشتىن ئاشقان بولۇپ، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، يەر رەتلەشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىش - ئۆلچەش بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ