ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى

2020.06.22 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇش توپى (6- ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش 3-ئىدارىسى ھۆددىگە ئالغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 200 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، چوڭ تىياتىرخانا، مۇزىكا زالى، كىتاب شەھەرچىسى، پەن- تېخنىكا سارىيى، پىلانلاش سارىيى، مۇزېيدىن ئىبارەت ئالتە يەككە گەۋدە ۋە مەركىزىي مەدەنىيەت مۇنارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ