ئەمىن ئۆيدىكى يېڭى سەرەمجانلار

2020.06.19 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 21-ماي، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى باشئەگىلە كەنتىدە، مەترېھىم روزى ئۆيىدە تېلېۋىزور كۆرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خوتەن ۋىلايىتى دۆلىتىمىزدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى. يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشتىن بۇرۇن، دېھقانلارنىڭ بىر ئېغىز كېسەك ئۆيى ياكى يۇلغۇنلۇق كەپىسى شۇ جايدىكى شۇ ئائىلىنىڭ بارلىق ئۆي بىساتلىرى بولۇپ، تۈزۈكرەك ئۆي جاھازلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. ھازىر شۇ جايدا دېھقانلار ئاساسەن «كارىۋاتتا ئۇخلايدۇ، شىرەدە تاماق يەيدۇ»، ئۆيىدە ياغاچ كارىۋات، سافا ۋە تاماق شىرەسى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى ئېلېكتىر سايمانلىرى سەپلەندى؛ ئۆيلىرىمۇ ئىقتىدارى بويىچە مېھمانخانا، ياتاق، ئاشخانا ۋە مۇنچا دەپ ئايرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ