مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادىلنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى جانلاندى

2020.06.02 15:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى شىڭ، سۈي يۈنيەن

  4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مۇخبىرلار ئاقسۇ شەھىرىدە 24 ياشلىق ئادىل مەمەتنى كۆردى. ئۇ قارىماققا ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنەتتى، ئۇچىسىغا ھازىر مودا بولۇۋاتقان راھەت چاپان كىيىۋالغان، مودا، كېلىشكەن بولۇپ، مۇخبىرلارنى كىچىك دۇكىنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا قىزغىنلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى.

  كىچىك دۇكاننىڭ كۆلىمى گەرچە ئاران ئون نەچچە كىۋادرات مېتىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك، ھاراق - تاماكا، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ناھايىتى مول ئىدى، ھەتتا نۇرغۇن ئىمپورت تاۋارلارمۇ بار ئىدى. ئادىل مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «دۇكىنىم كىچىك بولغىنى بىلەن تىجارىتىم بەكلا ياخشى.» ئادىلنىڭ سۆزلىرىدىن خۇشاللىق ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى.

  تىرىشسىلا ئامىتى بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ

  بۇلتۇر ئادىل ئاقسۇ شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاۋات شەھەر رايونىغا جايلاشقان بىر ئېغىز كىچىك دۇكاننى ئىجارىگە ئالدى. «ئىجارە ھەققى يۇقىرى ئەمەس، يېقىن ئەتراپتا ئادەم كۆپ» دېدى ئادىل.

  ئەمەلىيەت ئادىلنىڭ كۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى ئىسپاتلىدى. كىچىك دۇكاندا تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، تىجارىتى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى بولدى. ئەتراپتا ياشلار كۆپ، ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئىدى. كىچىك دۇكاندىن ئادىل ھەر ئايدا 5000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى.

  بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئادىل دۇكان ئېچىشنىڭ ئېپىنى ئاستا - ئاستا بىلىپ قالدى، ئۇ تېخىمۇ نەپ بېرىدىغان مال كىرگۈزۈش يولىنى ئىزدەشكە باشلاپ، مال تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى جەلپ قىلدى.

  كاللىسى ئۆتكۈر ئادىل بۇ كىچىك دۇكان بىلەن چەكلىنىپ قېلىشنى خالىمىدى. دۇكاننىڭ يېنىدا بىر كىچىك مېھمانخانا بار بولۇپ، بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئادىل مېھمانخانىنىڭ قايتىدىن بېزىلىدىغانلىقىنى، لېكىن لاۋبەننىڭ مەبلىغىنىڭ يېتىشمىگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ لاۋبەننى ئىزدەپ مېھمانخانىنى بېزەشكە پاي قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لاۋبەن بۇنىڭغا قوشۇلدى، ئادىل ھەمكارلاشقۇچىغا ئايلىنىپ، ئايلىق كىرىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. ئىلگىرى ئادىل ئىزچىل نىمكەش يان تېلېفون ساتاتتى، دۇكان ئاچقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى سودىسىنىمۇ تاشلىۋەتمىدى. ئادىل مۇنداق دېدى: «يان تېلېفون ئالىدىغانلار بولسا دۇكاننى تاقاپ يان تېلېفون بازىرىغا بېرىپ كېلىمەن، بىر قېتىمدا ئەڭ ئاز بولغاندا 200 يۈەن پۇل تاپقىلى بولىدۇ».

  «تىرىشقاندىلا قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، تەلىيىمنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» ئادىل خۇشال ھالدا كۈلۈپ كەتتى.

  ۋاقتىدا ئويغانغانلىقىمدىن خۇشال بولدۇم

  ئىلگىرىكى تۇرمۇشى ئۈستىدە توختالغاندا، ئادىل خىجىل بولغان ھالدا پېشانىسىنى سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا بەك ياش ئىدىم، ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، كۈنبويى يان تېلېفون بازىرىدا قاتراپ يۈرەتتىم، ھەممە يەرگە بېرىپ ئويناشقا، تاماشىغا ئامراق ئىدىم، كېيىن ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىم.» ئۇزۇن ساقال قويۇۋالغان «دوست»ى ئادىلغا ساقال قويمىغان، ناماز ئوقۇمىغانلار ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس، دېدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى كۆپ ئاڭلاپ، ئادىلمۇ ئۇزۇن ساقال قويدى، يەنە دائىم ئاشۇ «دوست»لىرى بىلەن «يىغىلىش» قىلدى، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىگە كەلسە - كەلمەس قول تىقىشقا باشلىدى، ھە دېسىلا ئۇلارنى «ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس» دېدى.

  دادىسى ئادىلنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىغا پەقەت چىداپ تۇرالماي، زېرىكمەي - تېرىكمەي نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا گېپىنى زادىلا ئاڭلىتالمىدى، مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى ئۇنى ئىزدەپ سۆھبەتلىشىپ مۇنداق دېدى: «قىلمىشىڭ تەرەققىي قىلىۋەرسە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ سالىسەن، ئەگەر ۋاقتىدا يولۇڭدىن قايتمىساڭ جىنايەت سادىر قىلىسەن.» بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئادىل مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەدرىجىي ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئادىل ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سۆز - ھەرىكىتىدىن قورقۇنچ ھېس قىلدى. «ئەگەر بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسام، ئۆمۈر بويى تۈگەشكەن بولاتتىم.» ئادىل ئۆزىنىڭ ۋاقتىدا ئويغانغانلىقىدىن خۇشال بولدى، ئۇ خاتىرجەم ئۆگىنىشكە باشلىدى.

  ئادىلنىڭ پۇتۇڭخۇا ئاساسى خېلى ياخشى بولۇپ، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسى تېز ئۆسۈپ، ئاڭلىيالايدىغان ھەم يازالايدىغان بولدى، تەلەپپۇزىمۇ ئۆلچەملىك بولدى. ئوقۇتقۇچى ئۇنى كىچىك يېتەكچى قىلىپ سايلىدى، ئۇ ھەر كۈنى باشقا تەربىيەلەنگۈچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ كىتاب ئوقۇدى، ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەملىشىپ بىر قىسىم يېزىق خىزمەتلىرىنى قىلىشىپ بەردى.

  «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تۇرمۇش ئاكتىپ، ساغلام، يۇقىرىغا ئىنتىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ياخشى كۆردۈم» دېدى ئادىل.

  جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمەن

  ئادىلنىڭ خوتۇنى بىر خۇسۇسىي كارخانىدا ئىشلەيدۇ، بەزىدە خوتۇنى ئالدىراش بولۇپ قالغاندا، ئۇ يېشى تېخى كىچىك بالىسىغا قارايتتى. «بىرنەچچە كۈندىن بۇيان قېيىنئانام ئاغرىپ قالدى، خوتۇنۇم بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى بولغاندا، مەن ئۆيدە بولغاندىكىن خاتىرجەم بېرىۋېرىڭ» دېدىم. ئادىل مۇنداق دېدى: ئىككى ئادەم بىر - بىرىگە كۆيۈنۈپ، بىر - بىرىگە كۆڭۈل بۆلگەندىلا، ئائىلە تۇرمۇشى تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئادىل خېلى پىشىپ يېتىلدى. «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئەر كىشى دېگەن مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك دېگەن، مەن خوتۇنۇم ۋە بالامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، تىرىشىپ ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن».

  ئادىل ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا دۇكاننىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ تىجارىتىنى باشلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قانداق پۇل تېپىشنى ئويلايتتى. ئۇ كىچىك دۇكىنىدىكى ھاراق - تاماكىنىڭ سېتىلىشىغا قانائەت قىلماي، ئاشخانىلارغا كۆز تىكىشكە باشلىدى. ئادىل چوڭ - كىچىك كوچىلاردا مۇۋاپىقراق ئاشخانىنى كۆرسىلا، كىرىپ ھەر خىل ھاراقلارنى تونۇشتۇرۇپ ساتتى، گەرچە نۇرغۇن قېتىم بوسۇغىدىنلا يانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ غەيرەتلىك يىگىت يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي، ئەڭ ئاخىرىدا سېتىش يولىنى ئاچتى. بىر خوگوخانا ئادىلنىڭ ئازراق مال ئەكېلىپ سىناپ بېقىشىغا قوشۇلدى، ئاخىرىدا، ھاراقنىڭ باھاسى مۇۋاپىق، ئادىلنىڭ ئىستىلى دۇرۇس بولغانلىقتىن، خوگوخانا لاۋبەنىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، خوگوخانىدىكى ھاراقلارنىڭ ھەممىسىنى ئادىلنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىشىگە قوشۇلدى.

  بارا - بارا تېخىمۇ كۆپ ئاشخانا ئادىلنى تاللىدى. «يېقىندا يەنە تۆت ئاشخانىغا سېتىشنى كېڭەيتتىم.» ئادىلنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر كۈنى ئالتە كاۋاپخانا، ئىككى جياۋماجىخانا ۋە ئۈچ خوگوخانىغا مال يەتكۈزىدىكەن، كىرىمى بىراقلا خېلى كۆپ ئاشقان.

  «بۇ ئىككى كۈندە بىر چوڭ ھاراق تەمىنلەش سودىگىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈستىدە كېڭىشىۋاتىمەن، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئېتىبار باھانى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.» ئادىل مۇنداق دېدى: دۇكاننىڭ يەر ئاستى ئۆيى ئىزچىل بوش تۇرۇۋاتىدۇ، ئىجارىگە ئېلىپ ئىسكىلات قىلىپ، كەسىپ مىقدارىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتىمەن.

  تىجارىتى قىلغانسېرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئادىل يەنە ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. 1 - ئاينىڭ ئاخىرى، يۇقۇم سەۋەبىدىن دۇكان ئېچىلمىغاندا، ئادىل باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەھەللىگە بېرىپ پىدائىي بولدى. مەھەللىنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى شېرىنگۈل روزى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: پىدائىيلار خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، ئادىل جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تاكى دۇكان ئېچىلغانغا قەدەر ئىشلىدى.

  «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىشتىن مەن جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ھەربىر كىشىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندىم» دېدى ئادىل.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ