مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مال تونۇشتۇرۇش دىكتورى» شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىشىغا كۈچ قوشتى

2020.06.02 15:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «لەززەتكە تولغان شىنجاڭ . ئاممىۋى مەنپەئەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» يۈرۈشلۈك بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى باشلاندى

  «مال تونۇشتۇرۇش دىكتورى» شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىشىغا كۈچ قوشتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: چەۋەندازلىق ئويۇنى كۆرگەچ رىياسەتچى خۇا شاۋ ۋە كومېدىيە ئارتىسى شياۋ شېنلۇڭنىڭ شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاش... 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىدا، بىر مەيدان «لەززەتكە تولغان شىنجاڭ. ئاممىۋى پاراۋانلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مال تونۇشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان يەشىك خاس مەھسۇلاتىنىڭ كۇەيشوۋ بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

  بۇ بىر مەيدان «بىۋاسىتە كۆرسىتىش + يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى + نامراتلارنى يۆلەش»نىڭ يېڭى ئەندىزىلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى، سودا نازارىتى، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مېۋىچىلىكى داتاڭ يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ سىيوۋ مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ باشلىغان «لەززەتكە تولغان شىنجاڭ . ئاممىۋى مەنپەئەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» يۈرۈشلۈك بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ بىر مەيدانى بولۇپ، يەرلىك رەھبەرلەر «قاتتىق توۋلاش»، ئېقىم مىقدارى چولپانلىرى ۋاكالىتەن سۆزلەش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ماركىسىنى كېڭەيتىدۇ.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىكى داتاڭ يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دېڭ جىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مەيدان ئاممىۋى مەنپەئەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، چىلان، ياڭاق قاتارلىق باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، يەنە چاغانتوقاي زاراڭزا يېغى، تيەنرۇن قېتىقى، شىخو پىۋىسى ۋە جياۋماجى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى كۆپەيتىلدى، رىياسەتچى خۇا شاۋ ئالايىتەن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى، ئاممىۋى مەنپەئەت تونۇشتۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۆز تور ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق چولپانلارنى ۋاكالىتەن سۆزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  بۇ يىل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ۋە ھەرقايسى چوڭ مېۋە سېتىۋېلىش كارخانىلىرى بازارغا تىرەك بولۇپ سېتىۋالىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىدا سېتىش قىيىن بولۇش، ئامباردا بېسىلىپ قېلىش ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ سېتىلماي قالغان باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق قېزىپ، ھازىر بار بولغان تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سېتىلماي قالغان باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇدىرىيەتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ بەيرەن مۇنداق دېدى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تەمىنات - سودا سىستېمىسى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىلماي قېلىشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلار بىلەن بىرلىكتە قولاي، راۋان، ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، زىچ بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىجارەت - سودا يوللىرىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش ھازىرقى توردىكى يېڭىچە ئىستېمالنىڭ تەرەققىياتىغا، تور ۋە تور سىرتىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىغا ئەڭ ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلاردا شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى، مەززىلىك تائاملىرىنى ياقتۇرۇپ قالغان چېغىدا، شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىش ئويى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ «ئىككى تور + ساياھەت» بايلىقلىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي رايون نام كارتىسىنى تونۇشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىستېمال تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئاممىۋى مەنپەئەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يۈرۈشلۈك بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، مال تونۇشتۇرۇش دىكتورلىرى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تەكلىپ قىلىنىپ، سۈرەت - يېزىق، سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارغا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى ۋە سۈپىتى بىۋاسىتە نامايان قىلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ