مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرى گۈل دېڭىزىغا ئايلىنىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

2020.06.02 15:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، رېن جياڭ، جاڭ جىلى، دۇڭ لياڭ

  5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا، 700 مو يەردىكى ھال رەڭ قىزىل بۇيا پورەكلەپ ئېچىلدى. «مەنزىرە رايونىمىز 4000 مودىن ئارتۇق يەرنى ئوبوروت قىلىپ، گۈل تاماشا قىلىش ساياھىتىنى يولغا قويدى، ھازىر ھەپتە ئاخىرىدا نەچچە مىڭ كىشى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ تاماشا قىلىدۇ» دېدى مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جەنئېن.

  بۇ مەنزىرە رايونىغا ئېريۆلەن، كۆك سەبدە، قىزىل بۇيا، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق گۈل - گىياھ ۋە زىرائەتلەر تېرىلغان بولۇپ، 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا ئوخشاش بولمىغان گۈل دېڭىزى مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا گۈل تاماشا قىلىش ساياھىتىنى چۆرىدەپ بەرپا قىلىنغان بىر تۈركۈم گۈل دېڭىزى مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

  «بۇ يىل، كەنتىمىز 1100 مودىن ئارتۇق يەرگە بېدە، قىزىل بۇيا، سۇدان ئوتى قاتارلىقلارنى تېرىدى.» ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى كىچىك دۇڭگۇ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۆفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017 - يىلىدىن باشلاپ، كىچىك دۇڭگۇ كەنتى ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى پائال چىڭ تۇتۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2000 مودىن ئارتۇق يەرگە پارس سەبدەرسى ۋە يۈمىيرېن تېرىپ، ھەيۋەتلىك «گۈل دېڭىزى» شەكىللەندۈردى.

  ھەرقايسى جايلارمۇ گۈل تاماشا قىلىش ساياھىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، چىرايلىق گۈللەرنى دائىم ئېچىلدۇردى.

  «بىز 50 مودىن 100 موغىچە يەر ئاجرىتىپ، مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىدۇق، گۈلدىن ھۇزۇرلانغاندىن باشقا ساياھەتچىلەر يەنە مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، ئورگانىك كۆكتاتلارغا ئېغىز تېگەلەيدۇ» دېدى ۋاڭ يۆفۇ.

  2019- يىلى چارۋىچىلار ئارامگاھىدىن 25نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى بۇ يىل يەنە چارۋىچىلار ئارامگاھىدىن 25 نى بەرپا قىلىدۇ.

  قانداق قىلغاندا گۈل دېڭىزلىرىنىڭ ئوخشاش قېلىپتا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

  گۈل دېڭىزى نارات يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە ساياھەت باغچىسى ئەسلىدە بار بولغان تىزمىگۈل، ئۈستقۇددۇس، كېسان گۈلى قاتارلىق گۈل - گىياھلار ئاساسىدا، يېڭى گۈل - گىياھ تۈرىنى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزدى، ھازىر كىرگۈزۈلگەن گۈل - گىياھ تۈرى 60 نەچچە خىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىچا، قارا بۇغداي قاتارلىق چېچەكلەيدىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، كاكىنەچ، قارىقات، مالىنا قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىپ، مېۋە ئۈزۈش ساياھىتىنى راۋاجلاندۇردى. «باغچە رايونى <يېزا ئىگىلىكى + ساياھەت>ئەندىزىسى ئارقىلىق، شەھەر بىلەن يېزا - كەنتلەر بىرلەشتۈرۈلگەن سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى» دېدى ساياھەت باغچىسىنىڭ ماركىتېڭ باش دىرېكتورى شۈ جېنۋېي.

  توقسۇ ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى بۇ يىل يېڭىدىن رەڭلىك سىيرىلىش يولى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى كۆپەيتتى. بۇ مەنزىرە رايونى 25 خىلدىن ئارتۇق ئەتىرگۈل تىكتى، تۈرى ئوخشاش بولمىغان ئەتىرگۈللەرنىڭ بەس - بەستە ئېچىلىشى ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق ئەتىرگۈل ماكانى بولغان خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرىدىكى ئەتىرگۈل يېتىشتۈرۈش بازىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى تۈرلەرنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى.

  ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭدا گۈل تاماشا قىلىش ساياھىتى كۆپ مەنبەلىك يۇغۇرما تەرەققىياتقا يۈزلىنىۋاتىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى گۈل تاماشا قىلىش مەنزىرە رايونلىرى ئېكولوگىيەلىك ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، ئارام ئېلىش، سالقىنداش، تەتقىقات - ئوقۇتۇش ساياھىتى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، كۆپ كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەكلى خىلمۇخىل، خاسلىقى روشەن مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ خاس داڭلىق ماركىسىنى شەكىللەندۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ