مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2020.06.02 15:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۈيتاشەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى يىخې مەھەللىسىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدا «كىچىك ئائىلىدىن چەكسىز مۇھەببەت تارقىتىش ئائىلە دۆلەت ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بالىلارنىڭ ئۆيدىكى ئالاھىدە تەتىل تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى «مۇھەببەت شىنجاڭدا − تور بالىلار قىشلىق لاگېرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سالام خەت يېزىش، رەسىم سىزىش، بىر كىتاب ئوقۇش، دائىم چېنىقىش، ئاشپەزلىك ماھارىتى ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىپ قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشىنى، ئەمگەكنى سۆيۈپ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى، دائىم چېنىقىپ بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى. پائالىيەت پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت بالىلارنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، تۈرلۈك ئەسەردىن جەمئىي 961 پارچە تاپشۇرۇۋېلىندى.

  بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى تارماق دوختۇرخانىسىدىن خۇبېيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار، SOS بالىلار كەنتىدىكى بالىلار ۋە دىڭ چاۋشيا «شادلىققا تولغان كىچىك ئۆي»ىدىكى بالىلاردىن ھال سورىدى ھەم 24 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بايراملىق سوۋغا تەقدىم قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى يەنە بالىلار بايرىمىدا قول تۇتۇشۇش پائالىيىتى، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى ۋە يېشىل ھەمتۈرتكە بولۇش، كىتاب تەقدىم قىلىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، تەشەببۇس قىلىپ ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ