مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

2020.05.22 16:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يىراقتىن خەۋەر قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ گۇرۇھى) ئۈرۈمچىدە قۇرغان 2020 مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. تىيانشان تورىدا قۇرۇلغان تور ئاخبارات مەركىزىمۇ ماس قەدەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزى «ئانار بۇلۇت» سۇپىسى سىستېمىسىنىڭ توپلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە بايلىقلارنى ئەڭ زور دائىرىدە بىرىكتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن تاراتقۇلىرى، ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرىنىڭ ئىككى يىغىننى ياخشى خەۋەر قىلىشىنى ئۇچۇر، تېخنىكا ۋە مەھسۇلات مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا «ئىككى يىغىن كۆزنىكى، ئۇچۇر جەمگاھى، تاراتقۇ سۇپىسى، يۇغۇرما جەڭ مەيدانى» بولۇشتەك كۈچلۈك رولى ۋە گىرەلەشمە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزىنى تەسىس قىلىش يىراقتىن خەۋەر قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىزدىنىش. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتا، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشتا، يىغىنغا قاتنىشىدىغان مۇخبىرلار سانى ۋە خەۋەر قىلىش شەكلىگە قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، يۈزتۇرا بولىدىغان ئەنئەنىۋى زىيارەت مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىدى، مۇخبىرلارمۇ «ئىككى يىغىن مەيدانىدا زىيارەت قىلىش»تىن «بۇلۇتتا يىغىننى زىيارەت قىلىش»قا ئۆتتى.

  «بۇلۇتتا يىغىننى زىيارەت قىلىش»تا نەگە بېرىپ «زىيارەت» قىلىدۇ؟ 2020 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزى كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان بولدى، بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن نەق مەيدانىغا ئەۋەتىلگەن مۇخبىرلاردىن باشقا، كۆپ ساندىكى مۇخبىر، مۇھەررىرلەر ۋە يېڭى تاراتقۇ ئەسەرلىرىنى ئىشلىگۈچىلەر بۇ يەردە بۇ يىللىق ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ.

  بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن نەق مەيدانىدا زىيارەت قىلىۋاتقان پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «گەرچە بۇ قېتىم پەقەت ئۈچلا مۇخبىر ئالدىنقى سەپتە بولساقمۇ، لېكىن <كۈچىمىز ئاجىز كېلىپ قالغان>دەك ھېس قىلمىدۇق. ئارقا سەپتە ئاخبارات مەركىزىدىن ئىبارەت تىرىكىمىز بولغاچقا، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىش ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاشقا ئىشەنچىمىز بار».

  مۇخبىر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزىنىڭ توردا زىيارەت قىلىش رايونى، ئىككى يىغىن سۆھبەت رايونى، يۇغۇرما كۆرۈنمە رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رايوندىن تەركىب تاپقانلىقىنى كۆردى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، بۇ يەر ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلارنى ۋە ۋەكىللەر، ئەزالارنى توردا زىيارەت قىلىشى، مۇخبىر، مۇھەررىرلەرنىڭ ماتېرىيال توپلاپ ئەسەر ئىشلىشى، ئانار بۇلۇت يۇغۇرما تاراتقۇ تېخنىكا سۇپىسىنىڭ نەق مەيداندا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ يىللىق ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

  ئاخبارات مەركىزىگە ئورۇنلاشقان باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى تيەن تېڭشەن مۇنداق دېدى: «ناھىيە دەرىجىلىك تاراتقۇ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىش پۇرسىتىم كۆپ ئەمەس. بۇ قېتىم، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ گۇرۇھى) قۇرغان ئاخبارات مەركىزى بولغاچقا، بىزمۇ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن <يۈزتۇرا >كۆرۈشەلەيدىغان بولدۇق، ئىنتايىن قولايلىق ئىكەن».

  «بۇلۇتتا يىغىننى زىيارەت قىلىش» «زىيارەت»نى قولايلىقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە «زىيارەت»نىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرالايدۇ. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزىدە 5G تورى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە يوللاشقا يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت كېتىدىغان چوڭ ھەجىملىك سىن ماتېرىيالىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا يوللىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋاقىت تەننەرخى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، 4K دەرىجىلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن سىنلارنى توپلاش، چۆكمە شەكىلدىكى VR ئارقىلىق نەق ۋاقىتتا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى 5G تورىنىڭ يۇقىرى سۈرئىتى ۋە تۆۋەن ۋاقىت پەرقىگە تايىنىپ، بۇ يەردە تولۇق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  «بۇلۇتتا يىغىننى زىيارەت قىلىش»، «زىيارەت»نىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە «زىيارەت»تە يېڭىلىق ياراتقىلى بولىدۇ، ئاخبارات مەركىزىدە يەنە «يېشىل ئېكران» ياساش ئىقتىدارى تەسىس قىلىندى. دىكتور ئۆزى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالغاندا، «يېشىل ئېكران» شەكلى ئارقىلىق سىن سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ ئىشلەپ، «نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش» ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزىدە، يەنە ئاخبارات ماشىنا ئادىمى، مەۋھۇم دىكتور قاتارلىق ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى بىريۈرۈش يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ، ئىشىنىمىزكى، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىش چوقۇم تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ مەزمۇنلۇق بولىدۇ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ