مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش

2020.05.22 16:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئەزا دېڭ خۇڭ:

  ئاممىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا

  «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ زىممەمگە ئېلىپ، <يۇقۇم>غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپەمنى ئادا قىلىشىم، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىشىم كېرەك» دېدى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى دېڭ خۇڭ.

  بۇ يىل، «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، دېڭ خۇڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭشەن بوئەي فوندى جەمئىيىتىدىن 100 مىڭ يۈەننى يەكەن ناھىيەسىدىكى تۆت ئېغىر نامرات كەنتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئىشلىتىشىگە ماسلاشتۇرۇپ بەردى، 30 مىڭ يۈەننى كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىشىگە ماسلاشتۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قارىتا، دېڭ خۇڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە «سەھىيە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ» «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئىشلىتىلىدىغان دورا ئىشلىتىش، ئۈسكۈنە ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەكلىپ» قاتارلىقلارنى سۇنۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پائال ئەقىل - چارە كۆرسەتتى.

  «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، مەن يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىرراق ئۇچرىغان بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، تەدرىجىي ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېدى دېڭ خۇڭ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدا، دېڭ خۇڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش مۇددىتىنى 2023 - يىلىغىچە ئۇزارتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قايتۇرغان جاۋابىدا، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش مۇددىتىنىڭ 2030 - يىلىغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.» تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دېڭ خۇڭ ناھايىتى ھاياجانلاندى.

  بۇلتۇر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، دېڭ خۇڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، تارىم داشۆسى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى ھەمدە كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

  «سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دائىم ئاساسىي قاتلامغا ۋە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىگىلەپ، ئاممىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ قىممىتى بار تەكلىپ لايىھەسى ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.» دېڭ خۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئۇ «شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى داشۆسى قۇرۇش تەكلىپى»نى ئېلىپ بارىدىكەن. دېڭ خۇڭنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرغاندا، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ ساغلاملىق بايلىقى، ئىقتىسادىي بايلىق، پەن - تېخنىكا بايلىقى، مەدەنىيەت بايلىقى ۋە مۇھىم ئېكولوگىيە بايلىقى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدىكەن.

  دېڭ خۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، شىنجاڭدا جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش يوچۇقى بىرقەدەر چوڭ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مائارىپى، داۋالاش، پەن تەتقىقات بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى داشۆسى قۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ