مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىغا ۋارىسلىق قىلىمەن

2020.05.22 16:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ۋەكىل رۇقىيەم مەتسەيدى:

  پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىغا ۋارىسلىق قىلىمەن

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى ياڭ

  «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم قىلىش، ۋۇخەندىكى قېرىنداشلار ياردەمگە موھتاج بولغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك! گەرچە مىڭ چاقىرىم يىراقتا بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىچىككىنە گۈرۈچ دانىچىلىرىگە بىزنىڭ ۋۇخەندىكى قېرىنداشلارغا بولغان دوستلۇقىمىز سىڭگەن.» بۇ يىل 3 - ئايدا ۋۇخەندىكى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارغا گۈرۈچ ئىئانە قىلىش جەريانى تىلغا ئېلىنسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى يەنىلا ھاياجېنىنى باسالمايدۇ.

  رۇقىيەم مەتسەيدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى قۇربان تاغىنىڭ ئەۋرىسى. بۇ يىل 2 - ئايدا، يۇقۇمنىڭ ۋۇخەن خەلقىگە كەلتۈرگەن زىيىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ قۇربان فوندى جەمئىيىتىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ۋۇخەندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى داۋالاش، پەرۋىش قىلىش خىزمەتچىلىرىگە بەش توننا گۈرۈچ ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى.

  تاراتقۇلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى ۋە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ گۈرۈچ ئارالدىن يولغا چىقىپ، ئالتە كۈندە 4000 نەچچە كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋۇخەن شەھەرلىك 7 - دوختۇرخانىغا توشۇپ كېلىندى. بۇ قېتىمقى ئالاھىدە ئىئانىنى ئەسلىگەندە، رۇقىيەم مەتسەيدى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىئانە قىلىش پائالىيىتى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، كۆپچىلىككە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا <قۇربان روھى>نىڭ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. قۇرباننىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇ خىل روھقا داۋاملىق ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى جارى قىلدۇرىمەن».

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى يېپىلىشتىن ئىلگىرى، رۇقىيەم مەتسەيدى «ۋەكىللەر يولى»دا مېڭىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېگەنىدى: «بىزنىڭ چوڭ ئائىلىمىزدە 100دىن ئارتۇق ئادەم بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. ھازىر، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى خۇددى كۈنجۈت چېچىكى ئېچىلغانسېرى ئېگىزلىگەندەك كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.» ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، رۇقىيەم مەتسەيدى مۇنداق دېدى: ھازىر، يۇرتۇم كېرىيە ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقى بارغانسېرى زورىيىپ، يۇرتىمىزنىڭ قىياپىتى كۈندىن - كۈنگە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. «بۇلتۇر، كېرىيە ناھىيەسىدە قۇربان تۇلۇم يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى. كۆپچىلىك غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قاراپ ئاتلانماقتا».

  بۇلتۇر، رۇقىيەم مەتسەيدى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى تەشكىللىگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باش تېمىسى بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىپ، قاراقاش ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. كەنت قۇرغان زاۋۇتتىكى ئايال ئىشچىلارنىڭ تەبەسسۇمى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى؛ سورتى يېڭىلانغاندىن كېيىنكى يۇقىرى ھوسۇللۇق ياڭاقلىقتا ئۇ دېھقانلارنىڭ يېڭى تېخنىكىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاۋاتقانلىقىنى كۆردى. «مېنىڭچە، پۇقرالارنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى ئۆزگەرسە، كاللىسى <ئېچىلسا> يانچۇقى قۇرۇقدىلىپ قالمايدۇ. بۇ يىل، بىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلالايمىز» دېدى ئۇ.

  «بۇ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتناشقاندا، مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىگە ھەممىدىن بەك دىققەت قىلىمەن. مەن بۇ ياخشى سىياسەتلەرنى يۇرتۇمدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ، يۇرتداشلىرىم بىلەن بىللە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىمەن» دېدى رۇقىيەم مەتسەيدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ