مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش

2020.05.22 16:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «بىز ئوتتۇرىغا قويغان يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەر ھازىرقى سىياسەتلەردە گەۋدىلەندى» دېدى ۋەكىل نىياز ھاشىم. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا نىياز ھاشىم قاتارلىق توققۇز نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش چارىسىنى چىقىرىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

  نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، لېكىن يول مېڭىش قىيىن بولۇش، ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش، مۇھىت پاسكىنا بولۇش، كەنت قىياپىتى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كەڭ دېھقان ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك ئىلتىماس - تەلىپىگە ئايلاندى.

  «خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېزا - كەنت قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، يېزا ئەخلەتلىرى، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى، ھاجەتخانا گەندە - يۇندىلىرىنى تۈزەشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىر قىسىم يېزا - كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، يول قۇرۇلۇشى ئارقىدا قېلىش ئەھۋالىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش كېرەك.» نىياز ھاشىم مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى باشلامچى بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش چارىسىنى تېزدىن ئېلان قىلىپ، كەنت قىياپىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، تۇرمۇش ئەخلىتى، پاسكىنا سۇنى تۈزەش قاتارلىقلارنى قوللاشقا ئىشلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى جاۋابىدا مۇنداق بىلدۈردى: 2019 - يىلى 3 - ئايدا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، 4 - ئايدا، مالىيە مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە «يېزا <ھاجەتخانا ئىنقىلابى>نى پۈتۈن كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىشتا مالىيەدىن مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەش يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتى بار بولغان يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، ھاجەتخانا گەندە - يۇندىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  2019- يىلى 5 - ئايدا، گوۋۇيۈەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشتە نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان 19 ناھىيە (شەھەر، رايون)نى مۇكاپاتلىدى، بۇ، ئاساسلىقى يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى پۈتۈن كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىش، كەنت قىياپىتىنى تۈزەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىلدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى يېزىلارنىڭ ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى پۈتۈن كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىشتا مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت نىشانىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ