شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۈنشيا خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 17-كۈنى دۇنيا مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە «17-ماي مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى» توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.
«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش، مىيىپلەر، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش» بۇ قېتىمقى مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش تور تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى، يىغىنغا قانۇندا بەلگىلەنگەن ياش ئىچىدىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارى بار يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات مېيىپلەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك مېيىپلەر، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، شەھەر-بازارلاردىكى مېيىپلەر (بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار) ۋە ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى بار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر بۇ توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى 41 ئورۇننىڭ ئۇچۇرىنى توپلاپ، 53 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 551 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىدىكەن.
ھەر قايسى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى (www. xjrc365.com) ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى (新疆365人才网)غا كىرىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ، تەكلىپ قىلىش ياكى خىزمەت ئىزدەشكە قاتناشسا بولىدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ