شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى: يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش

2020.05.20 15:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەشقەر شەھەرلىك يېزا تۇرۇبا سۈيىنى باشقۇرۇش باش پونكىتى ئاققاش يېزىلىق شۆبە پونكىتىدا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى كۆپ قېتىم تازىلاش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان بىخەتەر سۇدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. 2015- يىلىدىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن 15نى تاماملاپ، يېزىلاردىكى كۆلەملەشكەن سۇ زاۋۇتىدىن 15ى قۇرۇپ، يېزىلارنى مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى، ھەمدە تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ