شىنجاڭ خوتەن مۇزېيى ئەلالاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن قايتا ئېچىلدى

2020.05.19 15:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 18- كۈنى تاماشىبىنلار خوتەن مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شۇ كۈنى خەلقئارا مۇزېي كۈنى، شىنجاڭ خوتەن مۇزېيى ئەلالاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن قايتا ئېچىلدى. سارايدا كۆرگەزمە قىلىنغان نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى «يىپەك يولى ئەسلىمىسى»نىڭ نەپىس ۋە مول ئىكەنلىكىنى قايتا نامايەن قىلدى. قايتىدىن ئېچىلغان خوتەن مۇزىيىنى بېيجىڭ شەھىرى ياردەم بېرىپ قۇرغان بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 13 مىڭ 493 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ساراي خوتەن تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمە زالى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت سىناق زالى قاتارلىق نۇرغۇن كۆرگەزمە زاللىرىغا ئايرىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ