مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقتا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى

2020.05.18 14:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۈپەت - ئۈنۈمنى ئۆستۈردى

  يېڭى مەھسۇلاتلار بازار ئاچتى

  پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقتا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭ يېشىللىق ئەلچىسى ھاۋا مۇھىتى تېخنىكا چەكلىك شىركىتى «قۇرغاق ھاۋا ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق پارلاندۇرۇپ سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىسى ھەم ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك پارلاندۇرۇپ سۇنى سوۋۇتۇش ماشىنا گۇرۇپپىسى»نى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ، ئەنئەنىۋى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ياز پەسلىدىكى يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپىياتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

  بازار ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇش بۇ كارخانىنى يۇقۇم شارائىتىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى چېن يانەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، كارخانىنىڭ زاكاز تالونى 60 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40تىن كۆپرەك ئاشتى.

  بۇ يىلقى كەسكىن بازار ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە بازار ئېچىش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى. دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى − قەشقەر جياڭتيەن ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان «جياڭتيەن پاختا خەرىتىسى» دېھقانچىلىق ئەھۋالى چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەت سۇپىسىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كېۋەزلەرنىڭ تېرىلىش ۋە ئۆسۈش ئەھۋالى ئەمەلىي ۋاقىت بويىچە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. «جياڭتيەن پاختا خەرىتىسى» تۈرىنىڭ مەسئۇلى دېڭ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: سۇپا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسىنى تىرەك قىلغان بولۇپ، كېۋەزنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى، تېرىلىش جەريانى، ھوسۇلنى مۆلچەرلەش قاتارلىق ھالقىلارنى چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يان تېلېفون ياكى تاختا كومپيۇتېردا «جياڭتيەن پاختا خەرىتىسى» APPسىنى ئاچسا، كېۋەز تېرىشتىن بۇرۇنقى تۇپراقنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئۈنۈش نىسبىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ساغلاملىق دەرىجىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق 12 تۈرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «پاختىكارلار ھەر ۋاقىت كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەمەلىي ۋاقىت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرەلەيدىغان بولۇپ، بۇ بىر ئالىي ئاگرونومنىڭ يىل بويى ھەر كۈنى 24 سائەت ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغىنىغا باراۋەر» دېدى دېڭ خۇڭۋېي.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى ۋە پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈردى، شىنجاڭدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى 665كە يەتتى. بۇ يىل، شىنجاڭدىكى پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار توپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكىدە پېيىنى بازارغا سېلىشى بويىچە زاپاس يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى شارائىتىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇن كېلىدىغان 103 كارخانا تاللاپ چىقىلىپ، مەخسۇس تەربىيەلىنىۋېتىپتۇ، يېتەكلىنىۋېتىپتۇ.

  «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ چىقىرىلىشى، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ بۇ ئارقىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلدى.

  5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شىنجاڭ لەنشەن تۈنخې پولىئېستېر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، PBAT بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سىمولا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈچ لىنىيە پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئايلىنىۋاتاتتى. PBAT بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سىمولا شىركەت نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئاچقان يېشىل مەھسۇلات بولۇپ، «ئاق بۇلغىنىش»قا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدۇ. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گو جىچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركەت ھەر ۋاقىت خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە بازار يۈزلىنىشىگە ئاساسەن مەھسۇلاتلارنى يېڭىلايدۇ ۋە ئەلالاشتۇرىدۇ، يېڭى مەھسۇلاتلار شىنجاڭ بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئىچكىرى رايوندىكى دېڭىز بويى شەھەرلىرىگە سېتىلىدۇ.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېتەكلەش رولىغا ئىگە بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بازىسى قۇرۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مېتاللورگىيە - قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مىللىي تېبابەت - دورىگەرلىك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پەن - تېخنىكا - سۈپەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: «ئاپتونوم رايونىمىز توپلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات - قوللىنىشتا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۈركۈم ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، قۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان ئورتاقلىققا ئىگە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىدۇ».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ