مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇنجى قېتىملىق «گۇاڭدۇڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» جۇڭگو پوچتا مەخسۇس پويىزى چېگرادىن چىقتى

2020.05.18 14:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرى لىق قاچىلانغان «گۇاڭدۇڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جۇڭگو پوچتا مەخسۇس پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن ئايرىلىپ يولغا چىققان بولۇپ، ئون كۈندىن كېيىن مەنزىل − لىتۋانىڭ ۋايدوتاي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن. بۇ، «گۇاڭدۇڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو پوچتا مەخسۇس پويىزى ئىكەن.

  بۇ قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى گۇاڭدۇڭ (شىلۇڭ) تۆمۈريولى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت بازىسىدىن توشۇشنى باشلاپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 248.76 توننا كېلىدىغان كىيىم - كېچەك، ئاياغ - باش كىيىم، ئويۇنچۇق، چامادان - سومكا، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق ماللار قاچىلانغان 41 كونتېينېرنى ئېلىپ، قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققاندىن كېيىن، قازاقىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيەدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا لىتۋاغا يەتكۈزۈلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ماللار يەنە ئىسپانىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق 26 ياۋروپا دۆلىتىگە تارقىتىلىدىكەن. بۇ قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك توشۇش ئارىلىقى 10 مىڭ 779 كىلومېتىر بولۇپ، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ توشۇش ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن پوچتا پوسۇلكىسى مەخسۇس پويىزى ھېسابلىنىدىكەن.

  يەرشارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يامرىشىنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن دۆلەت خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئېكسپورتقا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان. «گۇاڭدۇڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى پوچتا مەخسۇس پويىزى راۋان توشۇش يېڭى يولىنى ئاچقان بولۇپ، يۇقۇم شارائىتىدىكى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى، خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ بېسىلىپ قېلىش مەسىلىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن.

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» «يىۋۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا»دىن ئىبارەت ئىككى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ «جۇڭگو پوچتىسى ناملىق» لىنىيەسىدە جەمئىي يەتتە نۆۋەتچى پويىز قورغاس پورتىدىن ئارقا - ئارقىدىن چېگرادىن چىققان. ھازىر، قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 قېتىم بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر كۈندە 17 قېتىمغا يېتىدىكەن، ئاساسلىقى گىرىم بۇيۇملىرى، پۈتۈن ئاپتوموبىل، دورا - بۇيۇملىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىقلار ئىمپورت قىلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىيىم - كېچەك، تۈرلۈك ماللار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئۈزلۈكسىز چەت ئەللەرگە چىقىرىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ