مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شەرق غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش» شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى قوللىدى

2020.05.18 14:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  نۆۋەتتە، مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش چىقىمىنى كارخانا تاپاۋەت بېجىدىن بۇرۇن چىقىم قىلىش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش باھاسىنى بېكىتىش چارىسىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنى ھەل قىلىش ۋە گەۋدىلەندۈرۈشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن «شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى <شەرق غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش> سىياسىتى بويىچە قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قايتۇرغان جاۋابىدا دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ «شەرق غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش»نى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جاڭ شىن مۇنداق دېدى: «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي سېلىنمىسى 65 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئېلېكتىر تورى كۆلىمى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق، يىراق ئارىلىقلىق، چوڭ سىغىملىق شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تىرەكلىك، كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى پائال نەتىجە يارىتىپ، 2011 - يىلىدىن باشلاپ شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا «شەرق غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ 220 كىلوۋولتتىن 750 كىلوۋولتقىچە بولغان توك بېسىمى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكقا ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي غول ئېلېكتىر تور رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  جاڭ شىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت قاتلىمىدىن «شەرق غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش»نى قوللاش سىياسىتى چىقىرىلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈرىنىڭ توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش چارىسى ھەل قىلىنىپ، شەرقىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش - يۆلەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلسا. 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى، توك تەقسىملەش تورى قۇرۇلۇشى داۋاملىق تېزلىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىنسا.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قايتۇرغان جاۋابىدا مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى سېلىنمىسى، بولۇپمۇ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، 2016 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە جەمئىي 5 مىليارد 890 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇردى، 2019 - يىلى شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە 5 مىليارد 520 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ «شەرق، غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش»كە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ