شىنجاڭدا مېيىپلار قوش يېڭىلىق يارىتىش بازىسى ئېچىلدى

2020.05.18 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 17- كۈنى چى يىڭ مۇئەللىم (سولدا) شىنجاڭ مېيىپلار ئىگىلىك تىكلەش-يېڭىلىق يارىتىش بازىسىدا يەتتە ئاۋازلىق دۆلەت مۇزىكىسى ساز سارىيى ئېچىپ، بالىلارغا دەرس ئۆتۈپ بەردى.

  شۇ كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شۇ مېيىپلار مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى بازىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەش بازىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئىگىلىك تىكلەشتىكى بۇ قوش بازىنىڭ كۆلىمى 2400 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 36 ئېغىز ئۆيى بار. ئۇنىڭدا ئالاھىدە سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ھەمدە مېيىپلار مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇپ، شىنجاڭدىكى مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى يېڭى ۋاسىتە ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە 20دىن ئارتۇق ئورۇن ئورۇنلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ