«قۇملۇقتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ»نىڭ رەڭدار تۇرمۇشى

2020.05.18 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ماي، شىنجاڭ خوتەن ناھىيىسى تەۋەككۈل يېزىسى باغدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە دۇمباق چېلىش ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار رېپېتىتسىيە قىلماقتا.

  شىنجاڭ خوتەن ناھىيىسى تەۋەككۈل يېزىسى باغدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق «قۇملۇق باشلانغۇچ مەكتىپى». 2017- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باغدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر ساھە كۈچلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، بۇ چەت-ياقا كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بارغانسېرى ياخشى قۇرۇلدى. قۇملۇقتىن چىقىپ باقمىغان 330دىن ئارتۇق بالا كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە پىئانىنو چېلىش ماھارىتىنى ئۆگەندى، ھەمدە ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە بىلىمى ئۈزلۈكسىز موللاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ