مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2020.05.14 16:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - قېتىملىق يىغىنى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 50 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ماقۇللاندى، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى (دەسلەپكى لايىھە)» ھەققىدىكى ئىزاھات، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇرپان شەھەرلىك، باشئەگىم شەھەرلىك، قوشئۆگۈز شەھەرلىك 1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشىنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى (دەسلەپكى لايىھە)» ھەققىدىكى ئىزاھات، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت نىزامى (دەسلەپكى لايىھە)» ھەققىدىكى ئىزاھات، «ئاپتونوم رايوننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش نىزامى (تۈزىتىلمە دەسلەپكى لايىھە)» ھەققىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى (دەسلەپكى لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قانۇنى» ھەم «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش نىزامى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» «ئاپتونوم رايوننىڭ <ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە يېيىش ناچار ئادىتىنى تۈگىتىش، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ