مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2020.05.14 16:49

  بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مەملىكەت بويىچە 12 - قېتىملىق ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى بولۇپ، باش تېمىسى «ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش». 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى. بۇ يىلقى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت «بەشكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەرقايسى جايلار بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى، تەربىيەلەش، قېچىپ قۇتۇلۇش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بىخەتەرلىك بىلىملىرى، بىخەتەرلىك مەدەنىيىتىنى ئاممىغا يەتكۈزدى.

  5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەر شەھەرلىك 11 - ئوتتۇرا مەكتەپتە يەر تەۋرەشتىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى، سىگنال چېلىنىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن مەكتەپتىكى 2100دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ئىككى مىنۇت 15 سېكۇنتتىلا مەيدانغا تەرتىپلىك تارقىلىپ خەتەردىن جىددىي ساقلاندى.

  ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن سايباغ رايونى 1 - ئاۋغۇست تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تېلېگراف مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، توردا + تور سىرتىدا تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىزغىن ئاھالىلەر يەنە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بىخەتەرلىك تەشۋىقات ئەلچىسىگە «ئۆزگىرىپ»، ئاھالىلەرگە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بىلىملىرىنى يەتكۈزدى.

  «بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش بىزگە نىسبەتەن نورمال ئەھۋال.» 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى نېفىت ئايرىش 2 - سېخىنىڭ مەشغۇلاتچىسى يۈەن ۋېيدۇڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ھەر ئايدا زاۋۇتتا بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىپ، ھەربىر ئىشچى - خىزمەتچىدە كۈچلۈك بىخەتەرلىك ئېڭى تۇرغۇزۇلىدۇ.

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چىڭشۈيۋەن مەھەللىسى مېخانىزم بولغان، دەسلەپكى لايىھە بولغان، تەربىيەلەش مانېۋىرى بولغان ئاساسىي قاتلام جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۆيدە ئولتۇرۇش بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، جىددىي ئىشلاردا خەۋپتىن ساقلىنىش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھاياتلىق بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ