مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۇغۇرتا مۇكاپات ياردەم تولۇقلىمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باغۋەنلەرگە نەپ يەتكۈزدى

2020.05.14 16:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ياڭاق، چىلان، ئۆرۈك، بادام، ئالما ۋە ئۈزۈم قاتارلىق ئالتە ئاساسلىق تىكىلىدىغان باغ - ئورمان سورتلىرىغا قارىتا، مەركەز مالىيەسى %30 سۇغۇرتا ھەققى مۇكاپات تولۇقلىمىسى، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن %35 سۇغۇرتا ھەققى مۇكاپات تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، ۋىلايەت، ناھىيە مالىيەسى %15 سۇغۇرتا ھەققىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، باغۋەنلەر پەقەت %20 سۇغۇرتا ھەققىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باغۋەنلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسى مۇكاپات ياردەم تولۇقلىمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بولۇپ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋەن خەيچۇەن سۇنغان تەكلىپتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. كۆپ يىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خاس باغ - ئورمانچىلىق ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسىپ ۋە دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى. ۋەن خەيچۇەن تەكلىپىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «شىنجاڭ تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدىغان رايون بولۇپ، ئاپەت يۈزبەرسىلا، باغۋەنلەر ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرايدۇ. ھالبۇكى، باغ - ئورمانچىلىقتىكى سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى باغ - ئورمان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق. شۇڭا باغ - ئورمانچىلىقتىكى سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش ئىنتايىن زۆرۈر».

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى باغ - ئورمانچىلىقتىكى سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا مالىيە مىنىستىرلىقىغا كۆپ قېتىم بېرىپ دوكلات قىلىپ قولغا كەلتۈردى، 2019 - يىلى 6 - ئايدا، مالىيە مىنىستىرلىقى «مەركەز مالىيەسىنىڭ يەرلىكنىڭ ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسى مۇكاپات ياردەم تولۇقلىمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ئۆلكە، رايون، شەھەردە ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسى مۇكاپات ياردەم تولۇقلىمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پۇل مۇئامىلە باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئالتە ئاساسلىق تىكىلىدىغان سورتلىرىنىڭ بىر تۇتاش سۇغۇرتا ھەققى، بىرتۇتاش ھەق نىسبىتىنى بىر سۇغۇرتا مەھسۇلاتى سۈپىتىدە نۇقتىدا سىناق قىلىشقا كىرگۈزۈش مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە».

  بۇلتۇر 8 - ئاينىڭ ئاخىرى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسى مۇكاپات ياردەم تولۇقلىمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى تەستىقلاپ، ياڭاق، چىلان، ئۆرۈك، بادام، ئالما ۋە ئۈزۈمنىڭ ھەر مو يېرىنىڭ سۇغۇرتا سوممىسىنى بىرتۇتاش 1600 يۈەن، ھەق نىسبىتىنى بىرتۇتاش %6 قىلىپ بېكىتتى. بىر مو يەرنىڭ سۇغۇرتا ھەققى 96 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، باغۋەنلەر پەقەت 19.2 يۈەننى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى مالىيە ئىدارىلىرىگە «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسى مۇكاپات ياردەم تولۇقلىمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، بۇ سىياسەتنىڭ رەسمىي ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن دېرەك بەردى، مەركەز مالىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسىنى قوللاش سىياسىتىدىكى مۇھىم، زور بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ.

  4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، قەشقەر ۋىلايىتى مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىدى، تىنچ ئوكيان مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى قەشقەر مەركىزىي تارماق شىركىتى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ تۆلەم بېرىدىغان خادىملارنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، ئاپەت زىيىنى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت نەق مەيداندا ئاپەتكە ئۇچرىغان باغۋەنلەردىن 85 ئائىلىنىڭ زىيىنىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بېكىتتى، تۆلەم بېرىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كوناشەھەر ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسىدىكى باغۋەن ھاجى قاسىم مۇنداق دېدى: «باغ - ئورمانچىلىقتىكى سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتا بىزنىڭ ئاپەت زىيىنىمىزنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ، بىزنىڭ باغ - ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز بار بولدى».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ