مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل 4- ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 614 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2020.05.13 17:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2020 - يىلى 4 - ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 614 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 646 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 446سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسىدىن 168ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ 413 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك بىر ئادەم، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 15 ئادەم، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك 397 ئادەم بار.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماي، قىلىدىغاننى قىلماي، قالايمىقان ئىش قىلىپ، ساختا ئىش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش» مەسىلىسىدىن 419ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %93.9ىنى ئىگىلىگەن؛ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داڭلىق، قىممەت، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ۋە سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش - سوۋغا قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە پۇل، ياردەم تولۇقلىمىسى ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىكى مەسىلىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %44.6ىنى، %19.6ىنى، %8.9ىنى ئىگىلىگەن.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشى نورماللىشىشقا يۈزلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى سىجىل ھەل قىلىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، نازارەت قىلىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەيمەنمەسلىك - پەرۋا قىلماسلىق، قۇرۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، ساختىپەزلىك قىلىش، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ