مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى

2020.05.13 17:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قۇربان نىياز قاتارلىق 11 نەپەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا «<ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى> قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش چارىسى ۋە سىياسەت كاپالىتىنى تۈزۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىنلا «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى تۈزۈپ تارقاتتى، سەككىز جەھەتتىن ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى.

  قۇربان نىياز قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە ئۈچ جاي شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد كارىدورى ۋە ئىختىساسلىقلار، كەسىپ، مەبلەغ توپلانغان جاي بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ناھايىتى ياخشى رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، يېڭىلىق يارىتىش بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسى ئەۋزەللىكىگە ئىگە. «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، لېكىن كونكرېت قانداق يولغا قويۇش، قانداق قىلىپ سىياسەت، تۈزۈلمە مېخانىزم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئالغا سىلجىتىشنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش پىكرىنى يولغا قويۇش چارىسى ۋە سىياسەت كاپالىتىنى ئىمكانقەدەر تېزدىن تۈزۈشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، بۇ تەكلىپلەر پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارغا مەدەت بېرىدىغان باج سىياسىتىنى يولغا قويۇش، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، يېڭى تىپتىكى كەسىپ تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى قوللاش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سىياسىتى، كارخانىلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  2019 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «پىكىر» تۈزۈپ بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر» خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش سېلىنما كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېچىۋېتىش، ماسلىشىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كېڭەيتىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى 20 ماددىلىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «پىكىر»نىڭ چىقىرىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشچان كەسىپلەر توپى يېتىلدۈرۈش، باغچە رايونىدىن ھالقىغان كۆپ ساھە بىرلەشكەن كەسىپلەر توپى ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، بىر تۈركۈم كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەل، تېخنىكا سەۋىيەسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 100 مىليارد دەرىجىلىك ياكى 10 مىليارد دەرىجىلىك كۆلەملەشكەن كەسىپلەر توپى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك سىياسەتنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزىدىكى ئۈچ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونىنىڭ ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ