مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ ئەرزىيەت خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك

2020.05.13 17:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى

  تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ ئەرزىيەت خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر قولدا ئەرزىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاشكارا ئەرزىيەت، مەسئۇلىيەتلىك ئەرزىيەت، قانۇنچىل ئەرزىيەت قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەرزىيەت ئومۇمىي سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، ئەرزىيەت خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەرزىيەت خىزمىتى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خەلق رايىنى ئىگىلەش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئامما ئاساسىنى كېڭەيتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتلەر ۋە رەھبىرىي كادىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ئەرزىيەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كۈچەپ قوغداپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ئەرزىيەت خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلەش بىلەن ئاممىنىڭ ئەرز قىلىشىنىڭ، ئاشۇرۇلما مىقدار بىلەن ساقلانما مىقدارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاشكارا ئەرزىيەت، مەسئۇلىيەتلىك ئەرزىيەت، قانۇنچىل ئەرزىيەتتىن ئىبارەت «ئۈچنى تەڭ باشقۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، زىددىيەتنى پەسەيتىش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى كەسىپلەشتۈرۈش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتى بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ماس قەدەمدە تەتقىق قىلىش، ماس قەدەمدە پىلانلاش، ماس قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەرزىيەت بىرلەشمە يىغىنى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت تارماقلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قادىربېك قامزا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ