مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشۇش

2020.05.11 16:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن داۋاملىق ماسلىشىپ - ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان خەير - ساخاۋەت تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىپ، خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىت بەرپا قىلىدۇ، شارائىت يارىتىدۇ.

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا، شۈ تاۋ قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توققۇز نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىنى قوللاش، كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى تۈزۈش تەكلىپى بېرىپ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  «ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېتەكلەش ۋە قوللاشقا موھتاج، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى كۆپەيتىشكە پايدىلىق بولغان ئاممىۋى مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك، شۇنداقلا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.» شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ياخشىلاشقا تېگىشلىك جايلىرى يەنە كۆپ، بەزى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولۇش، كەسىپ جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش كەمچىل بولۇشمۇ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ.

  شۈ تاۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىنى قوللاش، كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قەرەللىك ھالدا ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كەسپىي ئورۇندىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسە؛ تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى ياراتسا؛ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقتىكى «تەمىنلەش - ئېھتىياج» سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلسا. شۇنىڭ بىلەن بىللە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمەت قوشۇنىنى زورايتسا.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شۈ تاۋ قاتارلىق توققۇز نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېزلا جاۋاب قايتۇردى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قايتۇرغان جاۋابتا مۇنداق دېيىلدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغان تەربىيەلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر يىلى ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش ياكى ھاۋالە قىلىپ تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى سىياسەت، قانۇن - بەلگىلىمە، مالىيە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلەپ، خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتىدۇ. مەملىكەت بويىچە خەير - ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش سۇپىسى «خەير - ساخاۋەتلىك جۇڭگو»نى قۇرۇپ، خەير - ساخاۋەت ئىئانىسى توپلاش ۋە خەير - ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان ھالەتتە ئاشكارىلاپ، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى قاتارلىق ھەرقايسى تارماقلارغا ماسلىشىپ، باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىنكى قەدەمدە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خەق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپىگە قارىتا، تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قېلىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ