مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردى

2020.05.11 16:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى چۇنشيا

  توردا تەكلىپ قىلىش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  «بۇلۇت مۇلازىمىتى» ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

  «مەن پات ئارىدا كارخانىغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىمەن، لېكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى چۈشەنمەيمەن، بۇ قېتىم مەكتەپ قانات يايدۇرغان تەربىيەلەش بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى بىر ئۆگىنىش پۇرسىتى بولدى» دېدى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شىنجاڭ تەمىنات - سودا ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «2020 - يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكلەش خاراكتېرلىك تەربىيەلەش» كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا 2018 - يىللىق ئېلېكتىرىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئالىم ئابدۇلىم.

  ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يېقىندا شىنجاڭ تەمىنات - سودا ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى «توردا+ تور سىرتىدا» ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكلەش خاراكتېرلىك تەربىيەلەشنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دىڭدىڭ ئارقىلىق توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، ھەر ۋاقىت ھەمتۈرتكە بولۇش، توردا جاۋاب بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دەرس ئۆتتى. «تەربىيەلەش مەزمۇنى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ۋە سىياسەتلەرنى تەھلىل قىلىش، خىزمەت ئىزدەش ماھارىتى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوقۇغۇچىلار يەنە تور سۇپىسى ئارقىلىق، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا قايتۇرۇپ كۆرسە بولىدۇ» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ داۋاملاشما مائارىپ تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن ۋېنشيۇ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر، ھەرقايسى تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «بۇلۇت سۇپىسى»نى پائال بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى «بۇلۇت مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلىدى.

  «يېقىنقى مەزگىلدە، بىز ئارقا - ئارقىدىن ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى مەخسۇس توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى، ئايال ئىختىساسلىقلار ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى، داۋالاش - سەھىيە كەسپى مەخسۇس توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى كىشىلەر توپىنى شەكلى كۆپ خىل توردا تەكلىپ قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق.» 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى بازار بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ما يەنلىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز 10 مىليون ئىش ئورنىغا توردا تەكلىپ قىلىش 100 كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە يۈزلىنىپ تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە تۈرلۈك خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى ئاممىۋى مەنپەئەت تورىدا تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، نەچچە مىڭ تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن قاتنىشىدۇ.

  تۈرلۈك توردا تەكلىپ قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي تۈرلۈك توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدىن 2100 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈپ، 162 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش

  «2 - ئايدىن باشلاپ، بىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ھەر ئايدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئاز تاپشۇردۇق، كارخانىنىڭ يۈكى يېنىكلىدى» دېدى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، باي ناھىيەسى تىيانشان يېقىلغۇ گاز چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ ۋېنخۇ.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردا. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، 2 - ئايدىن باشلاپ كارخانىلار تاپشۇرغان كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان قىسمىنى كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش، كېچىكتۈرۈش تەدبىرىنى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2 - ئايدىن 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن جەمئىي 3 مىليارد 416 مىليون يۈەننى كېمەيتىپ، كەچۈرۈم قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى 100 مىڭ 200 ئورۇنغا نەپ يەتكۈزگەن.

  كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى دەرھال ئۈنۈم بېرىپ، كارخانىلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى. «30 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئاز تاپشۇردۇق، بۇ پۇل بىزدەك كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا نىسبەتەن ئاز پۇل ئەمەس. بىز بۇ پۇلنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ نورمال تىجارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى شىنجاڭ ئەلقۇت بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گۈلجەمىلەم نىياز.

  يوللارنى كېڭەيتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىش

  5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي باغچە غەربىي يولى ئەتراپىدىكى بىر كاۋاپ لەڭمەن ئاشخانىسىدا، تىجارەتچى شى يۈنخاۋ ۋە خىزمەتچىلەر بۇيرۇتۇلغان زاكازنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. 2018 - يىلى، شى يۈنخاۋ شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئاشخانا ئاچتى، سودىسى يامان ئەمەس بولدى، بىراق تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاشخانىنىڭ تىجارىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

  شى يۈنخاۋ بۇ ئىشتىن غەم قىلىۋاتقاندا، ئاپتونوم رايون يولغا قويغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يۆلەش سىياسىتى ئۇنى 10 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە 6000 يۈەن ئۆي ئىجارىسى ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن قىلدۇردى. «ھەقىقىي تۈردە مېنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىمنىڭ يېنىكلىشىگە ياردىمى بولدى، بۈگۈنكى كۈندە ئاشخانامنىڭ تىجارىتى ئەسلىگە كەلدى، بارغانسېرى ياخشىلىنىشنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى شى يۈنخاۋ.

  يوللارنى پائال كېڭەيتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، كارخانىلارنى خادىم قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتتى، ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللىدى.

  قاراقاش ناھىيەسىدە يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرىنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئابدۇخەبەر ھوشۇر جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى. «مەن بىر ئايدا 1078.4 يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىمەن، تولۇق سوممىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەن بىر يىلدا 13 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تېجىيەلەيدىغان بولدۇم» دېدى ئابدۇخەبەر.

  قاراقاش ناھىيەلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جيەنجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ناھىيەدە ئابدۇخەبەرگە ئوخشاش جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن 700دىن كۆپرەك كىشى بار، ھەممىسى بىردەك بۇ ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ۋاڭ جيەنجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ