مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش ئىستېمالنى جانلاندۇردى

2020.05.11 16:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «كۆپچىلىكنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە كېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈشىنى، كۆك ئاسماننى كۆرۈشىنى، تاغ - سۇلاردىن ھۇزۇرلىنىشىنى، كالا، قوي گۆشىنىڭ تەمىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى قارشى ئالىمىز.» 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ۋاڭ شىمىڭ تاۋباۋدىكى كىشىلەر ياقتۇرىدىغان ئاساسلىق كۆرسىتىش «داجىڭ مەزگىلگە ئۈلگۈرۈش» بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە مال ساتقۇچى بولدى.

  بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ۋاڭ شىمىڭ تورداشلارغا ئۇلۇغچاتنىڭ تارىخىي ھېكايىلىرىنى بايان قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ - ئادىتى توغرىسىدا سۆزلەپ، نۇرغۇن تورداشنى كۆرۈشكە، مال زاكاز قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئۈچ سائەتكە يېقىن بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، كۆرگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، توردا چېكىلىش مىقدارى 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ئومۇمىي سېتىلىش سوممىسى 110 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بىر خىل كەسىپ ھالىتى بولۇپ، ھەرقايسى جايلار سىناپ بېقىۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىناق تەرىقىسىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشى بازار تاپالمىغان يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسىنى باستى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ ئادەم توردا زاكاز قىلىپ مال سېتىۋېلىشنى تاللىدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش يېڭى كۈچ سۈپىتىدە بىردىنلا بارلىققا كەلدى، بۇنىڭدا كادىرلار باشلامچى بولۇپلا قالماي، نۇرغۇن دېھقان ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارمۇ ئېكرانغا چىقىپ، تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى سىجىل ئاشۇردى.

  شىنجاڭ غەربىي يۇرت چۈەنچى تور پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يوپۇغا ناھىيەسى، ئاقچى ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ئاممىۋى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى تەسىس قىلدى ھەم «ئېلېكتىرونلۇق سودىنى چۈشىنىدىغان، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى بىلىدىغان» تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەرقايسى جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ يېڭى بولغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش سۇپىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماھارىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى دېھقانلار ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا تونۇشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى؛ تور چولپىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقىلىق، «كىچىك ھەم مۇكەممەل» بولغان رايون تور يېڭى سۈپەتلىك ماركىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تور ئىستېمالىنى كېڭەيتتى؛ «بىر، ئون، يۈز، مىڭ» قۇرۇلۇشى(بىر بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسىنى بەرپا قىلىش، ئون نۇقتىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇبيېكتىنى يۆلەش، 100 نۇقتىلىق تاۋارنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، 1000 بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىكى ئاكتىپ شەخسنى يېتىشتۈرۈش)غا تۈرتكە بولدى؛ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا ئالماشتۇرۇشى، مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ ئومۇمىي كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ جەمئىيەت ئالاقىسى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، تور سودىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرىنى ئورتاق قانات يايدۇرۇپ، مەھسۇلاتلارنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەت ئىستېمال ئېھتىياجىنى جانلاندۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ توردا سېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ