مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 72 مىڭ كارخانا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى

1 مىليون 463 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزۈلدى

2020.05.11 16:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: «يېقىندا، شىركىتىمىز 270 مىڭ يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كارخانىنىڭ يۈكى ھەقىقىي تۈردە يېنىكلىدى» دېدى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى باي ناھىيەسى جۇڭتەي كۆمۈر كوكسلاشتۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى رەن يۈشىن تېلېفوندا مۇخبىرغا.

  يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى قايتۇرۇش سالمىقىنى زورايتتى. بىرىنچى، ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش شەرتى كەڭ قويۇۋېتىلدى، 2020 - يىلى 1 - ئايدىن 12 - ئايغىچە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبىتى %5.5تىن يۇقىرى بولمىغان، ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى 30 ئادەم (30نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن بولغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبىتى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %20ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى قايتۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچى، قايتۇرۇش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى، خادىم قىسقارتمىغان ياكى خادىمنى ئاز قىسقارتقان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتا قايتۇرۇش ئۆلچىمى ئىلگىرىكى %50تىن كارخانا ۋە ئۇنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئالدىنقى يىلى تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنىڭ %100ىگە ئۆستۈرۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست قويۇۋېتىشنى بارلىق كارخانىلارغىچە كېڭەيتتى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە بېكىتىش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىش ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى قايتۇرۇش بويىچە مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، نۆۋەتتە بۇ تۈردىكى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

  «بىز بۇ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى كونا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېڭى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇردۇق» دېدى رەن يۈشىن. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 72 مىڭ كارخانىغا 430 مىليون يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى قايتۇرۇپ بېرىپ، 1 مىليون 463 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 71 مىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىغا 320 مىليون يۈەن قايتۇرۇپ بېرىلگەن، 1 مىليون 213 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزۈلگەن.

  سىياسەت پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلتىماس قىلىش ھالقىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قايتۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنى تولۇق تەكشۈرۈپ، تېلېفون بېرىش، ئۇچۇر يوللاش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كارخانىلارغا «بىرگە بىر» ئۇقتۇرۇش قىلىپ، «كارخانىلار ياردەم تولۇقلىمىسى ئىزدەش»نى «ياردەم تولۇقلىمىسى كارخانىلارنى ئىزدەش»كە ئۆزگەرتىپ، قايتۇرۇش ئومۇمىي مۇساپىسىدە قاتراتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. «بىز بۇ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يەن كېمىڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ