مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ قاناس، كۆكتوقاي قاتارلىق 32 مەنزىرە رايونىدا ئىككى ئايغىچە كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ

2020.04.29 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ئاپرېل، «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» دېگەن نامغا ئىگە شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى: بۇ يىل 1- مايدىن 30-ئىيۇنغىچە ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى قاناس، كۆكتوقاي قاتارلىق 32 مەنزىرە رايونىدا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيې پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرگە كىرىش بېلىتى ئىككى ئاي كەچۈرۈم قىلىنغاندىن سىرت، 32 مەنزىرە رايونىدا پۈتۈن بىر يىلدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملار، خەلق ساقچىلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئالتاي ۋىلايىتى يەنە ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليون يۈەنلىك 100 مىڭ پارچە ساياھەت ئېلېكتىرون ئىستېمال بېلىتى، ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليون يۈەنلىك 100 مىڭ پارچە ماي قاچىلاش بېلىتى، 10 مىڭ پارچە مېھمانخانا ياتاق بېلىتىنى ھەقسىز تارقىتىپ قاناس، كۆكتوقاي قاتارلىق A5 دەرىجىلىك ئىككى مەنزىرە رايونىدا ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ مەنزىرە رايونىغا كىرىپ ساياھەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىپ، يەرلىك ساياھەتچىلەرگە يۇرتىنى ساياھەت قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبارلىق مەھسۇلات قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ «يېيىش، تۇرۇش، سەپەر، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە قولايلىق يارىتىدۇ.

  ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق قاناس مەنزىرە رايونى ۋە كۆپلىگەن ئېگىز تاغ مەنزىرىسى، مۇزلۇق، قارلىق چوققا، كۆل، ئارىشاڭ قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرە ساياھەت بايلىقىغا ئىگە. 2019-يىلى ئالتاي ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 33 مىليون 611 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %47.2 ئېشىپ، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي ئىستېمال كىرىمى 38 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %64.2 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ