مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش پىلانىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى

2020.04.29 17:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخېيەنزە بازىرى كۆكقاشا جەنۇبىي كەنتى كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىدا يېڭىدىن تىكىلگەن 3600 تۈپ تاش ئالما كۆچىتى مەيىن شامالدا يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى. «ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ تاماملىغان ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 1 مىليون 232 مىڭ 800 مو بولۇپ، پىلاننىڭ %99.9ىنى ئىگىلىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ.

  2020- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز 2 مىليون مو يەردە ئورمان بىنا قىلىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەتىيازدا بىنا قىلىنىدىغان ئورمان 1 مىليون 233 مىڭ 700 مو. 3 - ئايدىن باشلاپ، ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قاتتىق ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق بۇ يىللىق ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

  قاشالاپ يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنى ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىگە كىرگۈزۈش، باھالاش نەتىجىسىگە كىرگۈزۈش شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. ئاقسۇ كوڭتەيلىك مىليون مو چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى رايونىدا ئورمان بىنا قىلىشقا باب كېلىدىغان رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە يېڭى كۆچەت تىكىلدى، لېكىن تېخىمۇ كۆپ جايدا قاشالاپ ئۆستۈرۈش يولغا قويۇلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 335 مىڭ 900 مو ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش پىلانىدا، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 82 مىڭ 200 مو، قالغان 253 مىڭ 700 مو يەرنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ئورمان بولۇپ قاشالاپ ئۆستۈرۈلدى.

  «بۇ ناھايىتى ئاكتىپ يۆنىلىشلىك رول ئوينىدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن.» ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز سۈنئىي ئارىلىشىش ئارقىلىق كېڭەيگەن تەبىئىي ئورماننىڭ تۈپلىنىش كۆلىمىنىمۇ ۋەزىپە كۆلىمىگە كىرگۈزۈپ، <سۇغا قاراپ ئورمان كۆلىمىنى بەلگىلەش> بىلەن ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تۈگىتىپلا قالماي، ئورمان بىنا قىلىشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە سىجىللىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق».

  چۆل - جەزىرىلەر قاشالاپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئارام ئالدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە، بوستانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئورمان بىنا قىلىش يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىدىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولىدۇ. 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۆكقاشا جەنۇبىي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىنجان ئابدۇشۈكۈر يۇرتداشلار بىلەن بىللە، ئوت - چۆپ ئۇرۇقىنى كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىغا چاچتى، ئوخشاش بىر دائىرىدە «قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنى» دەل تىكىلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان تاش ئالما كۆچەتلىرى ئىدى.

  «بىزنىڭ تاش ئالما كۆچىتى تىكىشىمىز مېۋىسى ئۈچۈنلا ئەمەس، بۇ كۆچەت چىرايلىق ئىكەن.» كۆكقاشا جەنۇبىي كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ئامان ئاربارات مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز چۆل - جەزىرىگە تىكمەيدىغان بولدۇق، كەنت ئەتراپى ۋە كوچىلارغا تىكىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش بىلەن كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈردۇق، بۇ ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ياخشى».

  كۆكقاشا جەنۇبىي كەنتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش تۈرىدىكى 694 كەنتنىڭ بىرى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش تۈرىنىڭ 571ىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، پىلاننىڭ %82.3 ىنى ئىگىلىدى، تاماملانغان كۆلەم 15 مىڭ 100 موغا يەتتى.

  كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، بوستانلىق ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىمۇ تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىدا يەرلىك دەرەخ تۈرلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھۆكۈمەت كۆچەت بىلەن تەمىنلەش، ئاممىنى كۆچەت تىكىشكە سەپەرۋەر قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، مېۋىلىك كۆچەتكە باب كەلسە مېۋىلىك كۆچەت تىكىش، كۆچەتكە باب كەلسە كۆچەت تىكىش، گۈل ئۆستۈرۈشكە باب كەلسە گۈل ئۆستۈرۈش، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە باب كەلسە ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ.

  «بۇ يىل 200 مىڭ مو باغ ئەتراپىدىكى ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئالدىن تاماملىنىدۇ. 2022 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز 950 مىڭ مو ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ» دېدى ياڭ جيەنمىڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ