شىنجاڭ قۇمۇلنىڭ شامال ئېلېكتىر سانائىتىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

2020.04.28 17:28 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇمۇل «جۇڭچې» يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت بىناسىدا، ئىشچىلار بىۋاسىتە قوزغىلىدىغان مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق شامال كۈچى گېنېراتورىنى قۇراشتۇرماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ قۇمۇل شەھىرىگە جايلاشقان قۇمۇل «جۇڭچې» يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى 3-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى. ھازىرغىچە شىنجاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا مال تارقىتىش تاماملىنىپ، 1- پەسىلدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ