شىنجاڭ قورغاستا: «پورت ئىقتىسادى» جانلىنىۋاتىدۇ

2020.04.27 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 26- كۈنى، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ يۈرۈشلەشكەن رايونى ئىچىدىكى قورغاس خوكېكۇيرېن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەھسۇلاتنى خالتىلارغا قاچىلىدى.

  3- ئايدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ قورغاس «چېگرا ئېغىزى ئىقتىسادى» تېز جانلىنىپ، ھەر كۈنى بۇ يەرگە كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان سودىگەرلەر ۋە ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ يانداش رايونىغا جايلاشقان ھەر قايسى كارخانىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ