خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز 2 - ئايدىن باشلاپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمىدىن جەمئىي 1 مىليارد 677 مىليون يۈەنلىك ھەقنى كېمەيتىپ ئالغان.4- ئاينىڭ 7- كۈنى، سانجى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چېڭ يىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىپ ئېلىش سىياسىتى مەۋجۇت بولغاچقا، شىركىتىمىزنىڭ ھەر ئايدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا تاپشۇرىدىغان ھەق چىقىمىدا 125 مىڭ يۈەنلىك ئازىيىش بولدى. بۇ تۈرلۈك سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ھەمدە كارخانىلارنىڭ ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاشتا مۇھىم رول ئوينىدى.» دېدى.
يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىپ ئېلىش توغرىسىدىكى سىياسەتنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 2020- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان ھەرقايسى رايونلارنىڭ فوندنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، فوند كىرىم-چىقىمىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەڭپۇڭلۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمىغا قارىتا يېرىمىنى كېمەيتىپ ئېلىشنى يولغا قويۇش، كېمەيتىپ ئېلىش مۇددىتىنى بەش ئايدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى ئايدىڭلاشتۇردى. پىرىنسىپ جەھەتتە، بىرتۇتاش غەملىنىدىغان فوندنىڭ جەمئىي قالدۇقىنى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئاي سانى ئالتە ئايدىن كۆپ بولغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايونلاردا كېمەيتىپ ئېلىشنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ سىياسەت سۇغۇرتىغا قاتناشقان 100 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇنغا چېتىلىدىكەن، ھەق تاپشۇرغۇچىلار 4 مىليون 600 مىڭدىن ئاشىدىكەن، ناۋادا ئەڭ ئۇزاق مۇددەت چېكى بولغان بەش ئاي بويىچە كېمەيتىپ ئېلىش يولغا قويۇلسا، مۆلچەرلىنىشىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى 3 مىليارد 641 مىليون يۈەن كېمەيتىپ ئېلىنىدىكەن.ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرتۇتاش غەملەش فوندىنىڭ كېمەيتىپ ئېلىش سىياسىتىنى تىرەك قىلىش ئىقتىدارى بار، كېمەيتىپ ئېلىش ۋە كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى يولغا قويۇش سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شۇ مەزگىللىك تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ