مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى داڭ فېڭ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھەيدەلدى

2020.04.09 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى داڭ فېڭنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، داڭ فېڭنىڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقاتقانلىقى، ئۇنىڭدا تۆت ئاڭنىڭ ھېچقايسىسى يوق ئىكەنلىكى، ئۇزاق مۇددەتكىچە خۇراپاتلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتلەرنى يۆتكىۋەتكەنلىكى ۋە يوشۇرغانلىقى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغاتلار، سوۋغات پۇلى، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىقلارنى باشقىلاردىن قوبۇل قىلغانلىقى؛ شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى بازارلىرىغا سېلىنمايدىغان پايلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇپ، پايدا ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى؛ باشقىلار بىلەن كۆپ قېتىم ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكى؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى ۋە نۇرغۇن پۇل-ماللارنى يۇتۇۋالغانلىقى ئېنىقلانغان.

  داڭ فېڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، ھەمدە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق، دەپ گۇمان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، داڭ فېڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا خاتا قىلمىشتىن ئۆزىنى تارتمىغان ۋە قول ئۈزمىگەن، قىلمىشلىرىنىڭ خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق، داڭ فېڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، چېتىشلىق پۇل-مېلى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  داڭ فېڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  داڭ فېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1969- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ بىياڭ ناھىيەسىدىن، 1987- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1996- يىلى 12- ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە (2001- يىلى 11- ئايدا مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ قانۇنشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن). ھازىرغا قەدەر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ