مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توردا تەزىيە بىلدۈرۈش قەھرىمانلار، قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش

2020.04.02 17:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «قەھرىمانلار، قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش ياراتقاندىلا ئاندىن كۆز يۇمغان قۇربانلارغا يۈز كېلەلەيمىز». 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىي سەپتىن قايتقانلار ئىشلىرى نازارىتىدىكى تۇغقانلاشقان كادىر سۈن لىنىڭ ياردىمىدە ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرى كەلپىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ئاۋۇت يان تېلېفونى ئارقىلىق توردا قەھرىمانلار، قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىي سەپتىن قايتقانلار ئىشلىرى نازارىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە «ئېھتىرام بىلدۈرۈش. 2020 - يىلى چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» توردا تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، توردا مەخسۇس تېمىدا بەت ئېچىش، كۈچ ئۇلاپ تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە سۈپۈرۈش H5، مىكرو بىلوگ توققۇز كاتەكلىك تەشۋىقات سۈرىتى، دوستلار چەمبىرىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقات ئېلانى، تېلېۋىزور تېرمىنالى IPTV مەخسۇس رايونى (جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى) تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە سۈپۈرۈش مەخسۇس رايونى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردىكى توردا تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويدى.

  بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما توردا تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە سۈپۈرۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، قەھرىمانلار، قۇربانلارنى ئەسلەپ، چوڭقۇر قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ، قىزىل روھقا ۋارىسلىق قىلدى.

  3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، سانجى شەھىرى بېيجىڭ جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى ۋۇسەي شىنچېڭ مەھەللىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، تەۋەلىكتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىقلار بىرلىكتە «ئېھتىرام بىلدۈرۈش. 2020 - يىلى چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» توردا تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە سۈپۈرۈش باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك تور ئارقىلىق قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل تەقدىم قىلدى، سۆز قالدۇردى، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى چوڭقۇر قايغۇ بىلەن ياد ئېتىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارغا بولغان ئالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈردى.

  «چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، قۇربانلارنى ئەسلەشتىكى مەقسەت كۆپچىلىككە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەھرىمانلار، قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا ئۈندەش» دېدى ۋۇسەي شىنچېڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ جاۋجياڭ.

  تورداشلار تەزىيە بىلدۈرۈپ، قەبرە سۈپۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بەس - بەستە يۈرەك سۆزلىرىنى قالدۇردى. تورداش مەدىنە ئېزىز مۇنداق سۆز قالدۇردى: «جۇڭگو قەھرىمانى، سىزنىڭ قەھرىمانلىق روھىڭىز قەلبىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.» كورلا شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ 6 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ خاۋرەن مۇنداق سۆز قالدۇردى: «قەھرىمانلار، قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، سىلەر مەڭگۈ ھايات.» كۈيتۈن شەھەرلىك 1 - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەن مىڭمىڭ مۇنداق سۆز قالدۇردى: «ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئەڭ كۆپ نەرسىگە ئېرىشكەن كىشى ئەمەس، بەلكى ئەڭ كۆپ بېغىشلىغان كىشى ئەڭ خۇشال كىشىدۇر»...

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ھازىر كوللېكتىپ مەركەزلىك ھالدا تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە قوبۇل قىلمايدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قەھرىمانلار، قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈشى، قەبرە سۈپۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى بۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان 94 ئىنقىلابىي قۇربان ئۈچۈن توردا ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى تەسىس قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ھۆكۈمەت تورى، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق قەھرىمانلار، قۇربانلارغا گۈل تەقدىم قىلىش، سۆز قالدۇرۇش، تىلەك تىلەش، ئىنقىلابىي قەھرىمانلار، قۇربانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ياد ئېتىش ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپتۇ.

  ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق كادىر، ئامما «ئېھتىرام بىلدۈرۈش. 2020 - يىلى چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» توردا تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى، جەمئىي 120 مىڭغا يېقىن سۆز قالدۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ