مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىدۇ

2020.04.02 17:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ

  ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىدۇ

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئاشلىق تېرىشقا ماس كەلسە ئاشلىق تېرىش، كېۋەز تېرىشقا ماس كەلسە كېۋەز تېرىش، چارۋا بېقىشقا ماس كەلسە چارۋا بېقىش، باغۋەنچىلىككە ماس كەلسە باغۋەنچىلىك قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز رايون ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسلىق يېمەكلىكنى سانائەتلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق كۆلىمى ۋە ھوسۇلى ئالدىنقى يىللىق سەۋىيەدىن تۆۋەن بولمايدۇ. شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولغان سوغۇق، سالقىن جايلار قاتارلىق بۇغداي تېرىشقا قىسمەن باب كېلىدىغان رايونلاردا يازغى بۇغداي تېرىش كۆلىمىنى تەدرىجىي تەڭشەپ ئازايتىپ، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، سېلىن مىقدارى مول، ئورگانىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداينى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە بۇغداي تەرەققىيات ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق مەۋقە قىلىپ، ئاساسلىق باغۋەنچىلىك رايونلىرىنىڭ ئورمان بىلەن ئاشلىقنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىدىن تەدرىجىي چېكىنىشىنى قوللاش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

  كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەۋزەل كېۋەزچىلىك رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كېۋەز سورتلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىپ، پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ كېۋەزچىلىكىنى «چوڭ بولۇشتىن كۈچلۈك بولۇشقا ئۆزگەرتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئېنىق ئورۇنلاشتۇردى. كېۋەز سورتىنىڭ يېتىلىشچانلىقى بىلەن سۈپىتىنى رايونلارغا ئايرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇزۇن تالالىق پاختا، ئىنچىكە تالالىق پاختا قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك، ئالاھىدە مەخسۇس پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنى ئىنچىكە ئايرىپ، كېۋەز تېرىشقا قىسمەن باب كېلىدىغان رايونلارنى كېۋەز تېرىشتىن تەدرىجىي چېكىندۈرىدۇ. ھەرقايسى جايلار رايون ئىچىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، سۈپىتى ۋە كىلىمات شارائىتىغا ئاساسەن، كېۋەز سورتىنى ماسلىشىشچانلىقى بويىچە تېرىش ئارقىلىق ماشىنىدا يىغىشقا ماس كېلىدىغان، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشكە بولىدىغانلىرىنى ئاساسلىق سورت قىلىپ تاللاپ، ئوخشاش ئېكولوگىيەلىك رايوندا «بىر ئاساسلىق، ئىككى قوشۇمچە» بولىدىغان ئۇرۇق سېلىش ئەندىزىسىنى تەۋسىيە قىلىپ، «بىر ناھىيەدە بىر سورت بولۇش» «كۆپ ناھىيەدە بىر سورت بولۇش»قا ئىلھام بېرىپ، پاختا سۈپىتىنىڭ بىردەكلىكىنى مەنبەدىن ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

  چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قاراشەھەر ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا يەم - خەشەك مول بولۇش ۋە كەڭ كۆلەمدە كۆممىقوناق تېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىدۇ. سانجى، ئىلى قاتارلىق جايلاردا سۈت كالىسىنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشنى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سۈتچىلىك تېخنىكا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۈتچىلىكىنى گۈللەندۈرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يەم - خەشەكنىڭ كۆتۈرۈشچانلىق ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قۇش تۈرىدىكىلەرنى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توشقان، ئېشەك، تۆگە قاتارلىق ئۆزگىچە باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەيدۇ. يەم - خەشەكنىڭ بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىلوس قونىقى، بېدە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، «بۇغداي+سىلوس قونىقى»نى ئېڭىز ئورنىغا تېرىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىدۇ. كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۈتچىلىك، گۆش پىششىقلاش، چارۋىچىلىقتىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئەۋزەللىككە ئىگە چارۋىچىلىققا چېتىلىدىغان باشلامچى كارخانىلارنى يۆلەپ، «باشقىلاردا يوقى بىزدە بار، باشقىلاردا بارنىڭ بىزدە ئەلاسى بار، باشقىلاردا ئەلاسى بولسا بىزدە ئالاھىدىسى بار» دەيدىغان پەرقلىق تەرەققىيات تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېشىل ئورگانىك ماركىسىنى ياخشى يارىتىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز كىچىك سورتلارنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوخشاش سۈپەتتە رىقابەتلىشىش ۋە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرالماسلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدۇ. ئۆزگىچە ئاشلىق، ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدە زاراڭزا، قىچا قاتارلىق ئۆزگىچە ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنى قۇرۇشنى پىلانلىدى؛ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتى، جەنۇبىي چېتىدە چۈچۈكبۇيا، توشقانزەدىكى قاتارلىق جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون قۇرۇشنى پىلانلىدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا قارا ئاشلىق، پۇرچاق ۋە ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە سۈپەتلىك ماركا يېتىشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىچە ئاشلىق، ئىقتىسادىي زىرائەت ئەۋزەل رايونى قۇرىدۇ. ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، پەمىدۇر پىششىقلاش، سانائەت لازىسى ۋە قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىق ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنى پائال بەرپا قىلىدۇ. پەمىدۇر پىششىقلاش كەسپىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتى ۋە قاراشەھەر ئويمانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئەۋزەل رايوننى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازار تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىك ماركىسىنى پائال يېتىشتۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ