مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېنېرگىيە ساھەسى مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تېزلەتتى

2020.04.02 17:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، قومۇل سەنتاڭخۇ كان رايونى شىتۇمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، قومۇلنىڭ شىمالىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولدى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز نېفىت ھەم خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو نېفىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەييار نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش سالمىقىنى زورايتىشىنى ئەڭ زور چەكتە ماسلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ تەييار نېفىتنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نېفىت ئايرىش ئىقتىدارى ۋە خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى زور تەسىرگە ئۇچراتماسلىققا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. شىنجاڭدىكى ئالتە چوڭ نېفىتلىك ۋە تۆت چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى باشتىن - ئاخىر مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشنى ساقلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىتلىك كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش يۈك فاكتورى %90تىن ئاشقان، نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش يۈك فاكتورى %70تىن ئاشقان.

  كۆمۈر ھەر تۈرلۈك سانائەتنىڭ ئاساسى، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتىكى «توسۇق نۇقتا»لارنى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇرۇپ، پارتلىتىش، ئېچىش، قېزىش قاتارلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى يۈرۈشلەشكەن كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتتى، بىر قىسىم نۇقتىلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كان رايونلىرى (باغچە رايونى)نىڭ پارتلىتىش قۇرۇلۇش قوشۇنىنى ۋاقىتلىق قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرۈپ، كۆمۈر كانلاردا پارتلىتىش قوشۇنى خادىمى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. سانجى شەرقىي جۇڭغار، قومۇل نوم، توقسۇن قاراتاغ قاتارلىق نۇقتىلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردىكى كۆمۈر كان كارخانىلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە مۇقىم يۈرۈشۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى، ئىسسىقلىق ۋە توكنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ھەم نېفىت، خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال تاۋلاش قاتارلىق كۆمۈر ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك كۆمۈر ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون توك بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈنلەي قوغداش ھالىتىدە يۈرۈشتۈرۈش، تولۇق يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئىككى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى، 132 تىرانسفورموتور پونكىتى (مەشغۇلات قىلىش، ئاسراش پونكىتى)، 34 توك سىمى قوغداش پونكىتىغا قارىتا مەشغۇلات قىلىش، ئاسراش باشقۇرۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويدى. ئاساسلىق ئاممىۋى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئاسرىشى، باشقۇرۇشىغا ماسلىشىپ ياردەم بېرىپ، كۆمۈر سېتىۋېلىش ۋە زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىدى.

  1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نېفىت كەسپىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە خام نېفىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 4 مىليون 496 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.91 ئاشتى؛ تەبىئىي گازنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 6 مىليارد 16 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.52 ئاشتى. كۆمۈر كەسپىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 37 مىليون 511 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.7 ئاشتى. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.5 ئاشتى.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە ئورۇندالغان توك تارقىتىش مىقدارى 55 مىليارد 130 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشقان؛ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تە تېز ئېشىش ساقلاپ قېلىنغان، 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، «شىنجاڭدىن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك» مىقدارى جەمئىي 12 مىليارد 360 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.2 ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ