مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

2020.04.02 17:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 51 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «تۇرپان شەھىرىنىڭ مەدەنىي ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» «مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» «يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش نىزامى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ دائىملىشىشىنى ساقلاش بىلەن بىللە، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى پۇختا، تولۇق ئادا قىلىپ، ئاخىرغىچە كۈچەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى قەتئىي ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بىرىكمە كۈچنى كۈچەيتىش؛ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، پائال ھەقىقىي تەكلىپ بېرىش، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىش، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا پائال ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش، تەشكىللەش؛ يەرلىك نىزام چىقىرىش نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم - مېخانىزمنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلەش؛ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمەت ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باشتىن - ئاخىر دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ياخشى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ